3 ئۇلار مىسىردا پاھىشىلىك قىلاتتى ۋە ياش ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ پاھىشىلىك قىلغانىدى. ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنىڭ كۆكسىنى سىلىيالايتتى، ئەمچەكلىرىنى تۇتالايتتى.
ئۇلار بۇندىن كېيىن يەنە ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، قۇربانلىقلىرىنى ئۆچكە سىياقىدىكى جىنلارغا ئاتىمىسۇن. بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر، بۇنىڭغا ئۇلار ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلسۇن.
سەن بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلارنى ۋە بۇزۇقچىلىقلارنى قىلغان ۋاقتىڭدا، ئۆزۈڭنىڭ بالىلىق ۋاقتىڭدىكى يالىڭاچ ھالىتىڭنى ۋە قان ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان كۈنلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالغانمىدىڭ؟!
يوشۇۋا گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئەمدى پەرۋەردىگارغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا سەمىمىي ۋە ساداقەتلىك بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار! ئەجدادلىرىڭلار فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ۋە مىسىردا چوقۇنغان ئىلاھلارنى يوقىتىپ، پەقەت پەرۋەردىگارىڭلارغىلا ئىبادەت قىلىڭلار!
ئۈزۈمزارلىقلىرىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىمەن، ‹بالايىئاپەت جىلغىسى›نى ‹ئۈمىد دەرۋازىسى›غا ئايلاندۇرىمەن. ئۇ ياشلىقىدا مىسىردىن چىققان چاغدا، ماڭا ئەگەشكەندەك ئەگىشىدۇ.
ئۇ مىسىردىكى ياش ۋاقىتلىرىدىكىدەك ھەرقانداق ئادەم كۆكسىنى سىلىيالايدىغان، ئەمچەكلىرىنى تۇتالايدىغان بۇزۇقچىلىققا تەشنا ئىدى.
ئۇ تېخىمۇ كۆپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، مىسىردىكى ياش ۋاقىتلىرىدا قىلغان بۇزۇقچىلىقلىرىنى ئەسلەشكە باشلىدى.
ئۇ مىسىردىكى ۋاقتىدا قىلغان بۇزۇقچىلىقىنى تاشلىمىدى. ئۇ ۋاقىتتا، ئۇ ياش بولۇپ، ھەرقانداق ئادەم ئۇنىڭ كۆكسىنى سىلىيالايتتى، ئۇنىڭ بىلەن شەھۋىتىنى قاندۇرالايتتى.
لېكىن ئۇلار ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ، سۆزۈمنى ئاڭلىمىدى. ھېچكىم ئۆزلىرىنىڭ كۆزلىرىنى سېھىرلىگەن يىرگىنچلىك نەرسىلىرىنى ۋە مىسىرنىڭ بۇتلىرىنىمۇ يوقاتمىدى. ئەسلى مەن ئۇلارغا مىسىردا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئاچچىقىمنى چىقىرىمەن، دەپ نىيەت قىلغانىدىم.
سىلەر بىزنىڭ مىسىردا قانداق ياشىغانلىقىمىزنى، باشقا ئەللەردىن بۇ يەرگە ئۆتۈپ، قانداق كەلگەنلىكىمىزنى بىلىسىلەر.
جەسەتلىرى كاتتا شەھەرنىڭ غول يولىغا تاشلىنىدۇ. بۇ شەھەر سودوم ياكى مىسىر دېگەن سىمۋوللۇق نام بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ رەببىمۇ ئۇ يەردە كرېستكە مىخلانغانىدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغان ساداقەتسىزلىكىگە سەل قاراپ، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارغا چوقۇنۇپ، زېمىننى بۇلغىدى.
كېيىن ئۇلار مېنىڭ بولدى ۋە ماڭا ئوغۇل-قىزلارنى تۇغۇپ بەردى. ئاچىسىنىڭ ئىسمى ئوھولا، سىڭلىسىنىڭ ئىسمى ئوھولىبا بولۇپ، ئۇلار سامارىيە ۋە يېرۇسالېمغا ۋەكىللىك قىلاتتى.
مەن بۇ ئاياللار ھەققىدە مۇنداق دېدىم: «پاھىشىلىك قىلىپ ھارغان بۇ ئاياللاردىن خالىغانچە پايدىلىنىۋېرىڭلار.»
پەرۋەردىگاردىن ھوشىياغا تۇنجى قېتىم ۋەھىي كەلگەن چاغدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن بىر پاھىشەنى خوتۇنلۇققا ئالغىن. ئۇ ساڭا باشقا ئەرلەردىن پەرزەنتلەر تۇغۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ زېمىندىكى كىشىلەرمۇ مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، ساداقەتسىزلىك قىلماقتا» دېگەنىدى.
لېكىن سەن ئۆزۈڭنىڭ گۈزەللىكىگە ئىشىنىپ ۋە شۆھرىتىڭدىن پايدىلىنىپ، پاھىشىلىك قىلدىڭ. يولدىن ئۆتكەن ھەرقانداق كىشىلەر بىلەن زىنا قىلدىڭ. گۈزەللىكىڭدىن ئۇلارنى بەھرىمەن قىلدىڭ.
مەن ئۇلارغا: ‹سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلارنى سېھىرلىگەن يىرگىنچلىك بۇتلىرىڭلارنى تاشلاڭلار، مىسىرنىڭ بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن› دېدىم.
سەن ئۇ جازا شارابىنى بىر تېمىممۇ قالدۇرماي ئىچىسەن، ئاندىن قەدەھنى ئۇرۇپ چاقىسەن، كۆكسۈڭنى تىلىسەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»