Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 21:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 شۇندىلا جاھان ئەھلى قىلىچىنى غىلىپىدىن چىقارغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ. مەن قىلىچىمنى غىلىپىغا قايتا سالمايمەن.»

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 21:5
14 Referans Kwoze  

ئەي قىلىچ، غىلىپىڭغا سېلىن! سەن يارىتىلغان يۇرتۇڭدا سېنى سوراق قىلىمەن.


ئەي نىنەۋىلىكلەر، نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىگە قارشى سۇيىقەست ئۇيۇشتۇرىسىلەر؟ ئۇ سىلەرنى شۇنچىلىك خانىۋەيران قىلىدۇكى، ئۇنىڭ يەنە سىلەرنى خانىۋەيران قىلىشىغا ھاجەت قالمايدۇ.


شۇندىلا پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەر بۇ ئوتنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ قويغانلىقىنى بىلىشىدۇ، ئۇنى ھېچكىم ئۆچۈرەلمەيدۇ.»


پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى، تاكى مەقسەتلىرىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرمىغۇچە يانمايدۇ. ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە بۇنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىسىلەر.


مەن روھانىي ئەلىنىڭ ئائىلىسى توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.


خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، مېنىڭ ئاغزىمدىن چىققان سۆزمۇ ھەرگىز بىكاردىن-بىكار قايتىپ كەتمەيدۇ. ئەكسىچە، مېنىڭ ئىرادەم سۆزلىرىم ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، مېنىڭ بارلىق مەقسەتلىرىم شۇ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.


مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مېنىڭ دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتتۇر. مېنىڭ سۆزلىرىم ھېچقاچان ئۆزگەرمەيدۇ، پۈتكۈل ئىنسان ماڭا تىزلىنىدۇ، ھەربىر ئىنسان ماڭا سادىق بولىدىغانغا قەسەم ئىچىدۇ.


مەن قولۇمنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، مەڭگۈ مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،


ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئۇلارغا ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ شارابتىن سىلەر تاكى مەست بولۇپ ياندۇرغۇچە ئىچىڭلار. سىلەر تاكى يىقىلىپ چۈشۈپ ئورنۇڭلاردىن تۇرالمىغانغا قەدەر ئىچىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە ئۇرۇش ئاچىمەن.›»


ئەي ئادەم بالىسى، نالە قىل، باشقىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئېزىلگەن يۈرىكىڭ بىلەن قاتتىق نالە قىل.


_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىل خەلقىگە تۆۋەندىكى مەسەل ۋە تەمسىلنى ئېيتىپ بەر ۋە


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite