Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 21:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ھەققانىيلارنى ۋە رەزىللەرنى يوقىتىش ئۈچۈن مەن قىلىچىمنى قىنىدىن سۇغىرىمەن، قىلىچىم جەنۇبتىن شىمالغىچە ھەممە ئادەمگە قارشى تۇرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 21:4
10 Referans Kwoze  

ۋە ئۇنىڭغا ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي نەگېبتىكى ئورمانلىق، پەرۋەردىگارىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سال. مەن ساڭا ئوت قويىمەن، بۇ ئوت سەندىكى بارلىق ياشىرىپ تۇرغان ۋە قۇرۇپ كەتكەن دەرەخلەرنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتىدۇ. بۇ يالقۇنلۇق ئوتنى ھېچكىم ئۆچۈرەلمەيدۇ، بۇ ئوت جەنۇبتىن شىمالغىچە ھەممىنى كۆيدۈرىدۇ.


_ ئەي ئادەم بالىسى، مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار ئىسرائىل زېمىنىغا مۇنداق دەيمەن: «تۈگىشىدىغان ۋاقىت-سائىتىڭ كەلدى، پۈتۈن ئىسرائىل زېمىنىنىڭ تۈگىشىدىغان ۋاقىت-سائىتى كەلدى!


مەن قولۇمنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، مەڭگۈ مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،


دۈشمەننىڭ لەشكەرلىرى تاقىر تاغلاردىن ئۆتۈپ كېلىدۇ. مەن پەرۋەردىگار بۇ قوشۇنلارنى قىلىچ قىلىپ ئىشلىتىمەن. ئۇلار پۈتكۈل زېمىننى جازالايدۇ، ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.


ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئۇلارغا ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ شارابتىن سىلەر تاكى مەست بولۇپ ياندۇرغۇچە ئىچىڭلار. سىلەر تاكى يىقىلىپ چۈشۈپ ئورنۇڭلاردىن تۇرالمىغانغا قەدەر ئىچىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە ئۇرۇش ئاچىمەن.›»


ئەگەر مەن ئۇ يەرگە دۈشمەن ئەۋەتىپ، قىلىچىم ئارقىلىق ئادەم ۋە ھايۋانلارنىمۇ ھالاك قىلسام،


_ ئەي ئادەم بالىسى، جەنۇبقا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، نەگېبتىكى ئورمانلىققا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز


_ ئەي ئادەم بالىسى، ئۇلارغا ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «قىلىچ، قىلىچ بىلەندى، پارقىرىتىۋېتىلدى.


ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈر بىلەندى. ئۇ پارقىراقلىقىدىن چاقماقتەك يالتىرايدۇ. ئەي ئوغلۇم يەھۇدىيە، ئەجەبا، سەن سەلتەنەت ھاسىسىدىن خۇشالمۇسەن؟ ياق، چۈنكى ئۇ قىلىچ ھېچبىر سەلتەنەت ھاسىسىنى مەنسىتمەيدۇ!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite