ئەزەكىئەل 21:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى11 قىلىچ ئىشلىتىلىش ئۈچۈن پارقىرىتىلدى. ئۇ جاللاتنىڭ قولىغا بېرىلىشى ئۈچۈن بىلەپ پارقىرىتىلدى. Gade chapit la |
مەن شىمالدىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋە ‹خىزمەتكارىم› بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چاقىرىپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق قوشنا ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندۇرىمەن. مەن بۇ خەلقنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇلارنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى مەسخىرە نىشانى قىلىمەن.