Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 2:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئۇ ئاسىي خەلق سۆزلىرىمنى مەيلى ئاڭلىسۇن ياكى ئاڭلىمىسۇن، ئۇلار ھامىنى ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا بىر پەيغەمبەرنىڭ بولغانلىقىنى بىلىشىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 2:5
20 Referans Kwoze  

مەن ساڭا ئېيتقان ھەممە ئىشلار جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشقاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا بىر پەيغەمبەرنىڭ بولغانلىقىنى بىلىشىدۇ.


لېكىن مېنىڭ ئۇلارغا دەيدىغان سۆزۈم بولغاندا، تىلىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. سەن ئۇلارغا: «ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» دەپ جاكارلايسەن. سۆزۈڭنى خالىغانلار ئاڭلايدۇ، خالىمىغانلار ئاڭلىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر خەلقتۇر.


ئەگەر مەن كېلىپ ئۇلارغا تەلىم بەرمىگەن بولسام، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى گۇناھ دەپ قارالمايتتى. لېكىن، ھازىر ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى بىلمىدۇق، دېيەلمەيدۇ.


لېكىن، پاۋلۇس بىلەن بارنابا تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق دېدى: - بىز خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئالدى بىلەن يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن، سىلەر يەھۇدىيلار ئۇنى قوبۇل قىلمىدىڭلار. ئۆزۈڭلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشكە لايىق كۆرمىدىڭلار. شۇڭا، بىز سىلەردىن ئايرىلىدىغان بولدۇق. ئەمدى بىز خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزىمىز!


مەيلى ئۇلار ئاڭلىسۇن ياكى ئاڭلىمىسۇن سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈز، چۈنكى ئۇلار ئاسىيلاردۇر.


بەزى يەھۇدىيلار خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلدىمۇ دەيلى. ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ ساداقەتسىزلىكى سەۋەبىدىن خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمامدۇ؟


ئەگەر سەن ئۇنى يامان يولىدىن يېنىشىغا ئاگاھلاندۇرساڭ، لېكىن يامان يولىدىن يانمىسا، ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ. لېكىن سەن بولساڭ ئۆزۈڭنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان بولىسەن.


ئەگەر سەن ئۇنى ئاگاھلاندۇرساڭ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ رەزىللىكلىرى ۋە يامان يولىدىن يانمىسا، ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ. لېكىن سەن ئۆزۈڭنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان بولىسەن.


پادىشاھ يىھۇدىنى ئورام يازمىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ئۇ بېرىپ پۈتۈكچى ئەلىشامانىڭ خانىسىدىن ئۇنى ئېلىپ كېلىپ، پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان بارلىق ئەمەلدارلارغا ئوقۇپ بەردى.


يەرەمىيا ئۇلارنى داۋاملىق ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇنداق دېدى: _ ئەي يەھۇدىيەدە ھايات قالغانلار! پەرۋەردىگار سىلەرگە: «مىسىرغا بارماڭلار» دەيدۇ. بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن بۈگۈن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇم!


_ ئەي ئادەم بالىسى، ئاسىي ئىسرائىللار سەندىن: «نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟» دەپ سورىدىغۇ!


ئاندىن ئاشۇ ئاسىي ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئەمدى يىرگىنچلىك قىلمىشىڭلارنى توختىتىڭلار!


خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشا پادىشاھنىڭ ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يىرتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا: «ئۆزلىرى نېمىدەپ كىيىملىرىنى يىرتىدىلا؟ ئۇ ئادەم مېنىڭ يېنىمغا كەلسۇن، مەن ئۇنىڭغا ئىسرائىلىيەدە بىر پەيغەمبەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قوياي» دېگەن سۆزنى ئەۋەتتى.


سېنىڭ بۇ ئاسىي خەلقنى ئەيىبلىيەلمەسلىكىڭ ئۈچۈن، مەن تىلىڭنى تاڭلىيىڭغا چاپلاپ، سېنى گاچا قىلىپ قويىمەن. ئۇلار ئاسىي خەلقتۇر.


_ بۇ ئاسىي خەلققە ئېيت: «سىلەر بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەمسىلەر؟ بابىل پادىشاھى يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلىرىنى ئەسىرگە ئېلىپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.


سەن ئاسىي ئىسرائىل خەلقىگە تۆۋەندىكى تەمسىلنى ئېيتىپ بەر: «مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹قازاننى ئوتقا قويۇڭلار. قازاننى ئوتقا قويۇپ، ئىچىگە سۇ قۇيۇڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite