2 ئۇ سۆزىنى باشلا باشلىماستىن، روھ ۋۇجۇدۇمغا چۈشۈپ، مېنى ئورنۇمدىن تۇرغۇزدى. مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم.
بۇ چاغدا روھ ئىچىمگە كىرىپ، مېنى ئورنۇمدىن تۇرغۇزدى. ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئۆيۈڭگە كېتىپ، ئۆزۈڭنى ئۆيۈڭگە سولا.
شۇ چاغدا روھ مېنى ئېگىز كۆتۈردى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئورنىدىن كۆتۈرۈلگەن دەل شۇ پەيتتە، كەينىمدىن گۈلدۈرمامىدەك ھەيۋەتلىك بىر سادانىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.
ئۈچ يېرىم كۈندىن كېيىن، ئىككى پەيغەمبەرنىڭ تېنىگە خۇدادىن كەلگەن ھاياتلىق نەپىسى كىردى، ۋە ئۇلار ئورنىدىن تۇردى. ئۇلارنى كۆرگەنلەر ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ كېتىشتى.
ئۇ ماڭا گەپ قىلىۋاتقاندا، مەن بېشىمنى يەرگە قويدۇم ۋە ھوشۇمدىن كەتكەندەك بولۇپ قالدىم. ئۇ ماڭا قولىنى تەگكۈزدى ۋە مېنى تۇرغۇزۇپ قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
ئىچىڭلارغا روھىمنى سالىمەن. سىلەر مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىدىغان، قانۇن-قائىدىلىرىمگە چىن قەلبىڭلاردىن بويسۇنىدىغان بولىسىلەر.
روھ مېنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى. ئىچىم سىقىلىپ، ئاچچىقلاندىم. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى مېنى قاماللىۋالغانىدى.
سەن ئۇزۇن يىل سەۋر-تاقەت قىلدىڭ. سەن پەيغەمبەرلىرىڭ ئارقىلىق روھىڭ بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردۇڭ. بىراق ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇشلىرىڭغا قۇلاق سالمىدى. شۇڭا سەن ئۇلارنى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قولىغا تۇتۇپ بەردىڭ.
سامۇئىل داۋۇتنىڭ بېشىغا ئاكىلىرى ئالدىدا مۈڭگۈزدىكى زەيتۇن يېغىنى قۇيدى. شۇ كۈندىن تارتىپ، داۋۇتقا پەرۋەردىگارنىڭ روھى چۈشۈشكە باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل راماھقا قايتىپ كەتتى.
شىمشون زورئاھ ۋە ئەشتائول شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دان قەبىلىسىنىڭ قارارگاھىدا تۇرغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنى يېتەكلەشكە باشلىدى.
شۇ ئان پەرۋەردىگارنىڭ روھى ۋۇجۇدۇمغا چۈشتى ۋە ئىسرائىللارغا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى دېيىشىمنى ئەمر قىلدى: «مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئەي ئىسرائىللار، ئاغزىڭلاردا ئۇنداق دېگىنىڭلار بىلەن كۆڭلۈڭلاردا نېمىلەرنى ئويلاۋاتقىنىڭلارنى بىلىمەن.
سەن ئاسىي ئىسرائىل خەلقىگە تۆۋەندىكى تەمسىلنى ئېيتىپ بەر: «مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹قازاننى ئوتقا قويۇڭلار. قازاننى ئوتقا قويۇپ، ئىچىگە سۇ قۇيۇڭلار.