3 بېقىپ ئۇ بىر كۈچۈكىنى، كۈچلۈك شىر قىلىپ چىقتى ئۇنى. ئۆگەندى شىر كۈچۈكى ئوۋ ئوۋلاشنى ۋە ئادەم يېيىشنى.
سەندىكى يېتەكچىلەر خۇددى ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىپ ھۆركىرىشىۋاتقان شىرلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى تارتىۋېلىپ ۋە ئۇلارنىڭ جېنىغا قەست قىلىپ، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ تۇل قېلىشىغا سەۋەبچى بولدى.
ئايلانغاچ ئۇ كۈچلۈك شىرغا، يۈرەتتى ئۇ شىر توپىنىڭ ئارىسىدا. ئۆگەندى ئۇ ئوۋ ئوۋلاشنى ۋە ئادەم يېيىشنى.
مۇسا دان قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «دان قەبىلىسى شىرغا ئوخشاش باشاندىن سەكرەپ چىقىدۇ.»
«ئوخشايتتى ئاناڭ نېمىگە؟ ئوخشايتتى ئۇ شىرلار ئارىسىدىكى ئانا شىرغا، بالىسىنى باقاتتى ئۇ، يېتىپ ياش شىرلار ئارىسىدا.
بۇنى بىلىپ باشقا ئەللەر تۇزاق قۇرۇپ ئۇنىڭغا، تۇتتى ئۇنى ۋە ئېلىپ كەلدى بۇرنىغا ئىلمەك سېلىپ مىسىرغا.
_ ئەي ئادەم بالىسى، مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھى ھەققىدىكى بۇ مەرسىيەنى ئۇنىڭغا يەتكۈز: «شىردەك بىلدىڭ ئۆزۈڭنى ئەللەر ئارا، ئەمەلىيەتتە سەن ئوخشايسەن دېڭىزدىكى بىر مەخلۇققا. سەن پەقەت لەرزىگە سالىسەن دەريانى، پۇتلىرىڭ بىلەن قوچۇپ لېيىتىسەن سۇلارنى.
پادىچىلارنىڭ يىغا-زارلىرىغا قۇلاق سېلىڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇنبەت يايلاقلىرى نابۇت قىلىندى. شىرلارنىڭ ھۆركىرەشلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار، چۈنكى ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاتقاللار نابۇت قىلىندى.