Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 19:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 لېكىن ئۇ غەزەپ بىلەن يىلتىزىدىن قومۇرۇلۇپ، يەرگە تاشلاندى. چۆلدىن كېلىدىغان ئىسسىق شەرق شامىلى مېۋىلىرىنى قۇرۇتتى، باراقسان شاخلىرىمۇ قۇرىدى. ئوت ئۇنى يالماپ يوقاتتى.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 19:12
32 Referans Kwoze  

گەرچە ئىسرائىلىيەلىكلەر قېرىنداشلىرى ئارىسىدا گۈللەنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇلاقلىرى ۋە قۇدۇقلىرى مەن پەرۋەردىگار شەرقتىن، يەنى قۇملۇقتىن ئەۋەتكەن ئىسسىق شامالدا قۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ خەزىنىسىدىكى ھەممە بايلىقلىرى بۇلاپ كېتىلىدۇ.


كۆچۈرۈلگەن ئۈزۈم تېلى يەنە بۈك-باراقسان ئۆسەلەمدۇ، ئۇنى شەرق شامىلى قۇرۇتۇۋەتمەمدۇ، كۆچەت كۆچۈرۈلگەن جايىدا قۇرۇپ قالمامدۇ؟!»


شاخ-شۇمبىلار سۇنۇپ، قۇرۇپ قاقشال بولغاندا، ئاياللار تېرىپ ئەكېلىپ ئوتۇن قىلىدۇ. بۇ خەلق ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا ياراتقۇچى ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنى ئاپىرىدە قىلغۇچى ئۇلارغا شاپائەت قىلمايدۇ.


ئۇنىڭ شاخلىرى پادىشاھنىڭ سەلتەنەت ھاسىسى بولغۇدەك قاۋۇل ئىدى، باشقا ئۈزۈم تاللىرىغا قارىغاندا ئېگىز ئۆسكەنىدى. ئۇنىڭ ياپراقلىرى ناھايىتى قويۇق ئىدى ۋە ئۇلارنى يىراقتىن كۆرگىلى بولاتتى.


ياق، ئۇ پەقەت ئوتۇنغىلا يارايدۇ! ئۇ كۆيۈپ، چۇچىلا بولۇپ قالسا، ئۇنى يەنە نېمىگە ئىشلەتكىلى بولسۇن؟!


بۇرۇنقى چاغلاردا، مەن بۇ خەلقنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ يىقىتتىم. ئۇلارنى ۋەيران قىلدىم ۋە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىپ كۆزەتتىم. لېكىن كەلگۈسىدە مەن يەنە ئۇلارنى ئۆستۈرۈپ، قۇدرەتلىك قىلىپ كۆزىتىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


مەندە بولمىغان كىشى كېرەكسىز شاخلارغا ئوخشاش تاشلىۋېتىلىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. بۇنداق شاخلار يىغىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.


پالتا دەرەخنىڭ يىلتىزىغا يېقىنلاشقاندەك، خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى سىلەرگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا. ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.


گۈزەللىكىڭ سېنى تەكەببۇرلاشتۇردى. پارلاق شان-شەرىپىڭ ئەقلىڭنى بۇلغىدى. شۇڭا مەن سېنى يەرگە تاشلاپ، باشقا ئەل پادىشاھلىرىنىڭ ئالدىدا يۈزۈڭنى تۆكتۈم.


مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹بۇ ئادەمنىڭ پەرزەنتلىرى يوق، دەپ رويخەتكە ئېلىڭلار! ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئىشلىرى ھەرگىز ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ، يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ.›»


مانا ئۇ كېسىۋېتىلدى، كۆيدۈرۈلدى ئوتتا، ھالاك بولماقتا غەزەپلىك بېقىشىڭدا.


يىھوياقىم ۋاپات بولۇپ، ئوغلى يىھوياكىن تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.


ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان زاماندا مىسىر پىرئەۋنى نىكو ئاسسۇر پادىشاھىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن فىرات دەرياسىنىڭ بويىغا كەلدى. پادىشاھ يوشىيا لەشكەر چىقىرىپ ئالدىنى توسماقچى بولدى. ئۇلار مىگىددودا ئۇچراشتى، پىرئەۋن نىكو يوشىيانى ئۆلتۈردى.


غەزىپىم ئوتتەك يانماقتا، ئۆرتەپ تۈگىتەر پۈتۈن جاھاننى. تۇتىشىپ بۇ ئوت گۆرنىڭ تېگىگىچە يالماپ يۇتىدۇ تاغلارنى يىلتىزلىرىغىچە.


خۇددى سىلەر بۈگۈن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى دەرغەزەپكە كېلىپ، ئۇلارنى بۇ يەردىن يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ ئېلىپ، باشقا يەرلەرگە تاشلاپتۇ.» دەيدۇ.


ياق! لېكىن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقى ئىسرائىللارنى سۈرگۈن قىلىپ جازالايدۇ، ئۇلارنى شەرقتىن كەلگەن شەپقەتسىز بوران بىلەن قوغلايدۇ.


ئاھ، ئىگىمىزنىڭ غەزىپى خۇددى قارا بۇلۇتقا ئوخشاش قاپلىدى سىئوننى، ئەرشتىن ئېلىپ، تاشلىدى يەرگە ئىسرائىلىيەنىڭ شەرىپىنى. ئۇ غەزەپلەنگەندە ئۆزىنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئويلاپمۇ قويمىدى.


كۈن چىققاندا، خۇدا كۈنچىقىش تەرەپتىن ئىسسىق شامال چىقاردى. قىزىق ئاپتاپ يۇنۇسنىڭ بېشىغا چۈشۈپ، ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزدى. شۇڭا ئۇ ئۆلۈمنى تىلەپ: «تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى!» دېدى.


_ ئەي ئادەم بالىسى، ئۈزۈم تېلىنىڭ باشقا ياغاچلاردىن پەرقى بارمۇ؟ ئورماندىكى دەرەخلەردىن بىرەر ئەۋزەللىكى بارمۇ؟!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite