ئەزەكىئەل 17:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «چوڭ بىر بۈركۈت بولۇپ، قاناتلىرى كەڭ، پەيلىرى كۆپ ۋە رەڭدار ئىكەن. بۇ بۈركۈت لىۋانغا كېلىپ، كېدىر دەرىخىنىڭ ئۇچىدىن بىر شاخنى سۇندۇرۇپ ئاپتۇ. Gade chapit la |
بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يىھوياقىمنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرى، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەر بىلەن بىرگە بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ماڭا بۇ غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. مەن يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدا ئىككى سېۋەت ئەنجۈرنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.