2 _ ئەي ئادەم بالىسى، يېرۇسالېمنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يۈزىگە سال.
_ ئەي ئادەم بالىسى، قانخور يېرۇسالېم ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقار، ئۇنىڭ بارلىق يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يۈزىگە سال.
ئەي ئادەم بالىسى، كەلگەن ئادەملەرنى ئەيىبلە ۋە ئۇلارغا تەنبىھ بەر. ئۇلارغا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى بىلدۈر.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «يۇقىرى ئاۋازدا سۈرەن سال، توختاپ قالما، ئاۋازىڭ ياڭراق بولسۇن، خۇددى بۇرغا چالغاندەك، خەلقىمگە ئۆزىنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىنى كۆرسەت. ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى بايان قىل.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇرغا چالغىن! دۈشمەن مېنىڭ خەلقىمگە خۇددى بۈركۈتتەك ھۇجۇم قىلىدۇ. چۈنكى بۇ خەلق مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزۇپ، قانۇنلىرىمغا خىلاپلىق قىلدى.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، ئوھولا ۋە ئوھولىبانىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقار ۋە ئۇلارنىڭ قانداق يىرگىنچلىك قىلمىشلارنى قىلغانلىقىنى يۈزىگە سال.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:
ئۇنىڭغا ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سېنىڭ نەسەبىڭ يات كەنئاندىندۇر، سەنمۇ ئۇ يەردە تۇغۇلدۇڭ. ئاتاڭ ئامور خەلقىدىن، ئاناڭ خىت خەلقىدىندۇر.