Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 16:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 16:1
13 Referans Kwoze  

مەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن، چۈنكى ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدى. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


_ ئەي ئادەم بالىسى، يېرۇسالېمنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يۈزىگە سال.


كۆتۈرەر ھەققانىيەت خەلقنىڭ ئابرۇيىنى، نومۇسقا قالدۇرار گۇناھ ھەرقانداق ئەلنى.


بۇ سادىق شەھەر قانداقلارچە پاھىشە ئايالغا ئوخشاش ساداقەتسىز بولۇپ قالدى؟! ئۇ ئىلگىرى ئادالەتكە تولغان، ھەققانىيەت دەۋر سۈرگەن شەھەر ئىدىغۇ؟! بىراق ئەمدى ئۇ يەردە قاتىللارلا قالدى خالاس.


سىلەر: ‹بىز ئۆزىمىزنى بۇلغىمىدۇق! بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنمىدۇق!› دېدىڭلار. ئەمما قانداقمۇ شۇنداق دېيەلەيسىلەر؟ بەنھىننوم جىلغىسىدا ئۆتكۈزگەن قىلمىشىڭلارغا قاراڭلار! ئۆزۈڭلار ئۇ يەردە ئۆتكۈزگەن ئېغىر گۇناھلىرىڭلار ئۈستىدە ئويلىنىڭلار! سىلەر خۇددى چىشى تۆگە كۈيلەش مەزگىلىدە جۈپ ئىزدىگەندەك، بۇتلارنى ئىزدەپ يۈرىسىلەر.


سىلەر نېمە ئۈچۈن ‹يارىلىرىمىز شۇنچە ئېغىر، ساقايماس› دەپ يىغلايسىلەر؟ مەن سىلەرنى جازالىدىم، چۈنكى گۇناھىڭلار كۆپ، قىلمىشىڭلار ئېغىر.


ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، مەن سېنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئارىسىغا، يەنى ماڭا ئاسىيلىق قىلغان خەلقنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ، ئۆزلىرىمۇ ھازىرغىچە داۋاملىق ماڭا قارشىلىق قىلىپ كەلمەكتە.


_ ئەي ئادەم بالىسى، قانخور يېرۇسالېم ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقار، ئۇنىڭ بارلىق يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يۈزىگە سال.


مەن بابىللىقلار، يەنى پىقود، شوئا ۋە قوئادىن كەلگەن پۈتۈن كالدانلار ۋە پۈتۈن ئاسسۇرلارنى باشلاپ كېلىمەن. ئۇلار ياش ۋە قامەتلىك ئەمەلدارلار، باشلىقلار، سەركەردىلەر ۋە پالۋانلار بولۇپ، ھەممىسى ئاتلىقتۇر.


پەرۋەردىگاردىن ھوشىياغا تۇنجى قېتىم ۋەھىي كەلگەن چاغدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن بىر پاھىشەنى خوتۇنلۇققا ئالغىن. ئۇ ساڭا باشقا ئەرلەردىن پەرزەنتلەر تۇغۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ زېمىندىكى كىشىلەرمۇ مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، ساداقەتسىزلىك قىلماقتا» دېگەنىدى.


خەلقىم ياغاچ بۇتلاردىن مەسلىھەت، ياغاچ بۇيۇملاردىن تەلىم سورايدۇ. خەلقىمنىڭ بۇتقا چوقۇنۇپ شەھۋانىيلىق قىلىشى ئۇلارنى ئازدۇردى. ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يەھۇدىيە خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار مېنىڭ قانۇنۇمدىن يۈز ئۆرۈپ، ئەمرلىرىمگە بويسۇنمىدى. ئۇلار بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ھەق يولدىن ئازدى. ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىمۇ شۇنداق قىلغانىدى.


ئاندىن ئىدىش ئۈستىدىكى قوغۇشۇن قاپقاق ئېلىۋېتىلدى. ئىچىدە بىر ئايال ئولتۇراتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite