4 ياق، ئۇ پەقەت ئوتۇنغىلا يارايدۇ! ئۇ كۆيۈپ، چۇچىلا بولۇپ قالسا، ئۇنى يەنە نېمىگە ئىشلەتكىلى بولسۇن؟!
مەندە بولمىغان كىشى كېرەكسىز شاخلارغا ئوخشاش تاشلىۋېتىلىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. بۇنداق شاخلار يىغىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.
شاخ-شۇمبىلار سۇنۇپ، قۇرۇپ قاقشال بولغاندا، ئاياللار تېرىپ ئەكېلىپ ئوتۇن قىلىدۇ. بۇ خەلق ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا ياراتقۇچى ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنى ئاپىرىدە قىلغۇچى ئۇلارغا شاپائەت قىلمايدۇ.
مانا ئۇ كېسىۋېتىلدى، كۆيدۈرۈلدى ئوتتا، ھالاك بولماقتا غەزەپلىك بېقىشىڭدا.
چۈنكى، خۇدايىمىز ھەممىنى ھالاك قىلالايدىغان ئوتقا ئوخشايدۇ.
ئەكسىچە، تىكەن ۋە قامغاق ئۆستۈرگەن يەر پايدىسىزلىقىدىن خۇدانىڭ لەنىتىگە قېلىپ، ئاخىرى كۆيدۈرۈلىدۇ.
ئۇ قولىدىكى كۈرەك بىلەن خاماندىكى ساپ بۇغداينى ئامبارغا، سامىنىنى ئۆچمەس ئوتقا تاشلايدىغان ئادەمگە ئوخشاش، ھەممە ئىنساننى ئايرىيدۇ، - دېدى.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈن خۇددى لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان تونۇردەك بولىدۇ. ئۇ كۈنى تەكەببۇرلار ۋە يامانلىق قىلغۇچىلار پاخالدەك كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئۇلاردىن نە يىلتىز، نە شاخ-شۇمبا قالمايدۇ.
مەن خۇددى سودوم بىلەن گومورانى ۋەيران قىلغاندەك، سىلەرنىمۇ ۋەيران قىلدىم. سىلەر خۇددى ئوتتىن تارتىۋېتىلگەن چۇچىلىغا ئوخشاپ قالدىڭلار. لېكىن سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
ئوت ئۇنىڭ شاخلىرىدىن تۇتىشىپ، مېۋىلىرىنى كۆيدۈرگەنىدى، سەلتەنەت ھاسىسى بولغۇدەك بىرەر قاۋۇل شېخىمۇ قالمىغانىدى.» بۇ بىر مەرسىيەدۇر، بۇنى مەرسىيە قىلىپ ئېيتىڭلار.
كۈچلۈكلەر قۇرۇق چۆپكە ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۇچقۇنغا ئوخشايدۇ، ئۇلار قىلغان ئىشلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆيۈپ كېتىدۇ، ھېچكىم بۇ ئوتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.
ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ياكى نەرسە ئاسقىلى بولىدىغان قوزۇق ياسىغىلى بولامدۇ؟!
كۆيمەستە ھېچنېمىگە يارىمىغان ئۈزۈم تېلى كۆيگەندىن كېيىن يەنە نېمىگە يارىسۇن؟!
شۇڭا مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار دەيمەنكى، يېرۇسالېملىقلار ئورمان ئارىسىدىكى ئۈزۈم تېلىغا ئوخشايدۇ، مەن ئۈزۈم تېلىنى قانداق ئوتقا تاشلىغان بولسام، ئۇلارنىمۇ شۇنداق تاشلايمەن.