5 مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم ئىسرائىل خەلقىمنىڭ قەلبىنى قايتۇرۇپ كېلىشتۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇتقا چوقۇنۇپ، مەندىن يىراقلاپ كەتتى.»
ئەي گۇناھكار قوۋم، رەزىللىككە پاتقان خەلق، قەبىھلەرنىڭ پۇشتى، ساختىلىققا تولغان ئەل! بۇ خەلق پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدى، ئۇلار ئۆزلىرىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانى كۆزگە ئىلمىدى، ئۇلار ئۇنى تاشلىۋەتتى.
بىر ئاي ئىچىدە مەن ئۈچ پادىچىنى ھەيدىۋەتتىم. قويلارغا سەۋر-تاقىتىم قالمىدى. قويلارمۇ مەندىن بىزار بولدى.
ئەي قېرىنداشلار، ھەرقايسىڭلار قەلبىڭلارنىڭ يامان نىيەت ۋە ئېتىقادسىزلىققا تولۇپ، مەڭگۈ ھايات خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىگە دىققەت قىلىڭلار.
ئىلگىرى سىلەرمۇ خۇدادىن ئايرىلىپ، قىلغان يامان ئوي-پىكرىڭلار ۋە ئىشلىرىڭلار سەۋەبىدىن ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەشكەنىدىڭلار.
ئۇلار خۇداغا تەرسالىق قىلىپ، خۇدا ھەققىدە بىلىمسىز قالدى. نەتىجىدە، قەلبى قاراڭغۇلۇقتا قېلىپ، خۇدا ئاتا قىلغان ھاياتلىقتىن مەھرۇم قالدى.
ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار، ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىغان بىلەن، خۇدانى ئالدىيالمايسىلەر. كىم نېمە تېرىسا، شۇنى ئالىدۇ.
بىر ئادەمنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ئۇنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى باشقۇرسا، ئۇ ئادەم خۇدا بىلەن دۈشمەنلەشكەن بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنمايدۇ ھەم بويسۇنالمايدۇ.
ئۇلار تۆھمەتخور، خۇداغا نەپرەتلىنىدىغان، زوراۋانلىق قىلىدىغان، تەكەببۇر، ماختانچاق، ھەر خىل ئەسكىلىكلەرنى ئويلاپ چىقىرىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان،
ئۇلار خۇدانى بىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى يامان نىيەتلىرىگە قويۇپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلماسلىقى كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلىشقا كىرىشتى.
ئۇلارنىڭ كۆڭلى ھىيلىگە تولغاندۇر، ئەمدى ئۇلار جازالىنىشى كېرەك. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بۇتلىرى ئۈچۈن ياسىغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنىمۇ چېقىپ تاشلايدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مەندىن شۇنچە يىراقلاپ كەتكۈدەك، مەندىن قانداق ئەيىب تېپىۋالغانىدى؟ ئۇلار ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىنىمۇ ئەرزىمەس قىلىۋالدى.
مەن پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ يۈرىكىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئويلىرىنى سىنايمەن. مەن ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە ۋە قىلغىنىغا لايىق ياندۇرىمەن.