Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 14:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 بىر كۈنى ئىسرائىللارنىڭ بىرقانچە ئاقساقاللىرى يېنىمغا كېلىپ، ئالدىمدا ئولتۇردى.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 14:1
13 Referans Kwoze  

سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 6-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، مەن ئۆيۈمدە يەھۇدىيەلىك ئاقساقاللار بىلەن ئولتۇراتتىم. تۇيۇقسىز ۋۇجۇدۇمغا ئىگەم پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى چۈشتى.


سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 7-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى بىرقانچە ئىسرائىل ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگاردىن مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن ئالدىمغا كېلىپ ئولتۇردى.


ئۇلار ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىدەك ئالدىڭغا توپلىشىپ كېلىپ، گېپىڭنى ئاڭلىشىدۇ، تۇرقىدىن مېنىڭ خەلقىمگە ئوخشايدۇ. لېكىن ئۇلار ئەمەلىيەتتە گېپىڭگە ئەمەل قىلمايدۇ. ئۇلار ئېغىزلىرىدا تاتلىق سۆزلىسىمۇ، لېكىن قەلبلىرىدە ھارام بايلىققا ئىنتىلىدۇ.


ئىگەم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئادەملەر ماڭا ئېغىزىدىلا ئېتىقاد قىلىدۇ، تىلىنىڭ ئۇچىدىلا مېنى ئۇلۇغلايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈرىكى مەندىن يىراق. ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان ئىبادىتى پەقەت ئۇلارنىڭ ئادەت-قائىدىلىرىدىن بولغان.


بۇ چاغدا ئېلىشا ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بولۇپ، ئاقساقاللار بىلەن بىرگە ئولتۇراتتى. پادىشاھ بىر ئادىمىنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. لېكىن ئۇ يېتىپ كېلىشتىن ئاۋۋال ئېلىشا ئاقساقاللارغا: _ قاراڭلار، ئاۋۇ جاللاتنىڭ مېنىڭ كاللامنى ئېلىشقا ئادەم ئەۋەتكىنىنى! ئۇ كەلگەن چاغدا، ئۇنى سىلەر ئۆيگە كىرگۈزمەڭلار، ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋېلىڭلار. چۈنكى ئۇنىڭ خوجايىنىمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىدۇ، _ دېدى.


- مەنمۇ بىر يەھۇدىي، كىلىكىيە ئۆلكىسىنىڭ تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلدۇم، لېكىن يېرۇسالېمدا چوڭ بولدۇم. داڭلىق تەۋرات ئۇستازى غامالىيىلدىن تەلىم ئېلىپ، ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ كەلدىم. سىلەرگە ئوخشاش، خۇدا يولىدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن قىزغىن ئىشلىگەنىدىم.


پېترۇس مۇقەددەس روھقا چۆمگەن ھالدا مۇنداق دېدى: - خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەتلىك رەھبەرلىرى ۋە ئاقساقاللىرى!


ئەتىسى، يەھۇدىيلارنىڭ كېڭەشمىسىدىكى بارلىق باشلىق، ئاقساقال ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يېرۇسالېمدا توپلاندى.


مارتانىڭ مەريەم ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغى تەرەپتە ئولتۇرۇپ، تەلىمىنى ئاڭلاۋاتاتتى.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:


سەن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پەقەت چىلتار چېلىپ، مۇھەببەت ناخشىسى ئېيتىدىغان غەزەلچى، خالاس. ئۇلار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئاڭلىسىمۇ، لېكىن بىرىگىمۇ ئەمەل قىلمايدۇ.


قاراۋۇل جاۋاب بېرىدۇ: «تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، ئارقىدىن كېچە بولىدۇ. ئەگەر يەنە سورىماقچى بولساڭ، قايتىپ كېلىپ، ئاندىن سورا.»


_ ئەي ئادەم بالىسى، ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن پەرۋەردىگاردىن مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن كەلدىڭلارمۇ؟ مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلەرگە ھېچقانداق مەسلىھەت بەرمەيمەن!»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite