Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 13:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2-3 _ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىلىيەدە يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈپ يۈرگەن ساختا پەيغەمبەرلەرگە قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز. ئۆزى بىلگەنچە سۆزلەپ يۈرىدىغان ئاشۇ ۋەھىيچىلەرگە قارشى ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي ئەخمەقلەر، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار. ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەرگە ۋەھىي كەلمىسىمۇ، سىلەر يالغان ۋەھىيلەرنى توقۇپ چىقىسىلەر.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 13:2
35 Referans Kwoze  

ئەي ئادەم بالىسى، خەلقىڭ ئىچىدىكى ئۆزى بىلگەنچە ۋەھىي توقۇيدىغان ئاياللار ھەققىدە سۆزلە، ئۇلارغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز.


«بابىل پادىشاھى سىلەرگە ۋە بۇ زېمىنغا ھۇجۇم قىلمايدۇ» دەپ ۋەھىي يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلىرىڭلار ھازىر قېنى؟


سەندىكى ساختا پەيغەمبەرلەر خۇددى ھاك بىلەن تام ئاقارتماقچى بولغاندەك، ئۆزىنىڭ ساختا غايىبانە ئالامەت ۋە ۋەھىيلىرى بىلەن يېتەكچىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى يېپىش ئۈچۈن ‹ئىگىمىز پەرۋەردىگار دەيدۇكى› دەۋالغان بولسىمۇ، لېكىن مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا ۋەھىي چۈشۈرمىدىم.


سەندىكى يېتەكچىلەر خۇددى ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىپ ھۆركىرىشىۋاتقان شىرلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى تارتىۋېلىپ ۋە ئۇلارنىڭ جېنىغا قەست قىلىپ، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ تۇل قېلىشىغا سەۋەبچى بولدى.


ئاقساقاللار ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەرلەر باش بولسا، ساختا پەيغەمبەرلەر قۇيرۇقتۇر.


ئەي، سودوم ھۆكۈمرانلىرىدەك رەزىل يەھۇدىيەنىڭ باشلىقلىرى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەي، گومورا خەلقىدەك رەزىل يەھۇدىيەنىڭ خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار!


پەيغەمبەرلىرى تەكەببۇر، ھىيلىگەردۇر. روھانىيلىرى ئىبادەتخانىنى بۇلغاپ، خۇدانىڭ قانۇنىنى دەپسەندە قىلىدۇ.


شەھەردىكى يېتەكچىلەر پارا ئېلىپ، ھۆكۈم چىقىرىدۇ. روھانىيلار بەرگەن تەلىمى ئۈچۈن ھەق ئالىدۇ. ساختا پەيغەمبەرلەر پۇل ئۈچۈن پال ئاچىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىنى كۈتۈپ: «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا، بېشىمىزغا ئاپەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ.


قاراڭغۇلۇق سىلەرنى قاپساپ كەلمەكتە، ئەمدى ساختا غايىبانە ئالامەتلەرنى توقۇيالمايسىلەر. سىلەرنى زۇلمەت قاپلايدۇ، پال ئاچالمايسىلەر. سىلەر ئۈچۈن قۇياش پاتىدۇ، كۈندۈز قاراڭغۇلۇققا ئايلىنىدۇ.


شۇڭا ئەي قويچىلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار!


شۇڭا ئەي قويچىلار، مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار.


لېكىن بۇنداق ئىش ھەقىقەتەن يۈز بەردى. چۈنكى گۇناھ قىلدى يېرۇسالېمنىڭ پەيغەمبەرلىرى، ھەققانىيلارنىڭ قېنىنى تۆكتى شەھەردە روھانىيلىرى.


مەن يەرەمىيا ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدىم: _ ئەگەر ئۇلار ھەقىقىي پەيغەمبەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيلىرىنى يەتكۈزگۈچىلەر بولسا، ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا چىن دىلىدىن دۇئا قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا، پادىشاھ ئوردىسىدا ۋە يېرۇسالېمدا قېلىپ قالغان قىممەتلىك بۇيۇملارنىڭ بابىلغا ئېلىپ كېتەلمەسلىكىنى تىلىسۇن.


سىلەرگە «بابىل پادىشاھىغا خىزمەت قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ» دەپ سۆزلەۋاتقان ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار. چۈنكى ئۇلار سىلەرگە يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا خەلقىنىڭ سەركىلىرىگە مۇنداق دېدى: «سىلەر خەلقىمنىڭ چېچىلىپ، سۈرگۈن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردىڭلار. سىلەر ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالمىدىڭلار. شۇڭا مەن سىلەرنى قىلغان رەزىل ئىشلىرىڭلار ئۈچۈن جازالايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنى باشقا ئەرلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى يېڭى ئىگىلىرىگە بېرىمەن. ئۇلارنىڭ ئاددىي كىشىلىرىدىن تارتىپ كاتتا ئەربابلىرىغىچە ھەممىسى ھارام بايلىقنىڭ كويىدا يۈرىدۇ، پەيغەمبەرلەردىن تارتىپ روھانىيلارغىچە ھەممىسى ئالدامچىلىق قىلىدۇ.


ئاتالمىش پەيغەمبەرلەر يالغان سۆزلەيدۇ، روھانىيلار ئۆز ئىختىيارى بويىچە خەلقىنى باشقۇرىدۇ، خەلقىم شۇنى خالايدۇ. لېكىن بالايىئاپەت بېشىغا كەلگەندە ئۇلار نېمە ئىش قىلالايدۇ؟»


ئەي، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى مازاق قىلغۇچىلار، يەنى يېرۇسالېمدا خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار!


مىكايا يەنە مۇنداق دېدى: _ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغايلا! مەن پەرۋەردىگارنىڭ تەختىدە ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم. پۈتكۈل ساماۋى جامائەت ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇراتتى.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:


ئەي پاھىشە يېرۇسالېم، سۆزلىرىمگە قۇلاق سال.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite