13 شۇ سەۋەبتىن مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار ئاشۇ ساختا پەيغەمبەرلەرگە مۇنداق دەيمەن: ‹نەپرىتىم بىلەن بوران چىقىرىمەن، غەزىپىم بىلەن يامغۇر، قەھرىم بىلەن مۆلدۈر ياغدۇرىمەن.
خۇددى ئۇلۇغ ئوت ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدىغاندەك، خۇددى جۇدۇن-چاپقۇن ئېلىپ كەلگەن قارا يامغۇر بىلەن مۆلدۈردەك، پەرۋەردىگار ئۇلۇغ ئاۋازىنى ھەممە ئادەمگە ئاڭلىتىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ جازالايدىغان غەزەپلىك قولىنى ھەممە ئادەمگە كۆرسىتىدۇ.
ئاسماندىن ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە ھەربىر دانىسى قىرىق بەش كىلو چامىسىدا كېلىدىغان مۆلدۈر ياغدى. بۇ مۆلدۈر ئاپىتى شۇنداق قورقۇنچلۇق بولدىكى، ئىنسانلار بۇ بالايىئاپەتنىڭ دەستىدىن خۇدانى قارغاشتى.
ئاندىن، خۇدانىڭ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىسى ئېچىلدى ۋە ئۇنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەردە كۆرۈندى. شۇئان چاقماقلار چېقىپ، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. زېمىن تەۋرىنىپ، دەھشەتلىك مۆلدۈر يېغىپ كەتتى.
مەدھىيەلەڭلار خۇدانى قار ۋە مۆلدۈر، چاقماق بىلەن تۇمانلار، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنغان ئەي كۈچلۈك بورانلار.
بىرىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، مۆلدۈر بىلەن ئوت قانغا ئارىلاشقان ھالدا ياغدۇرۇلدى. زېمىننىڭ ئۈچتىن بىرى، دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ۋە پۈتكۈل يېشىل ئوت-چۆپلەر كۆيۈپ كەتتى.
مەن پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيمەنكى، ئۇ چاغدا زىرائەتلىرىڭلارنى قۇرۇتتۇم، سېسىتىتىم ۋە مۆلدۈر ياغدۇردۇم. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە مېنىڭ يولۇمغا قايتىشنى رەت قىلدىڭلار.
بىراق پەرۋەردىگار دېڭىزغا كۈچلۈك بوران ئەۋەتتى. دېڭىزدا دەھشەتلىك بوران چىقىپ، دولقۇن كۆتۈرۈلۈپ، كېمىنى پارچىلىۋەتكىلى تاس قالدى.
بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى خۇددى بوران-چاپقۇندەك كېلىدۇ. ئۇ خۇددى شىددەتلىك قارا بورانغا ئوخشاش، رەزىل كىشىلەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.
ئەمرى بىلەن ھۆركىرىتىپ بورانلارنى، پەيدا قىلغانىدى ئۇ دولقۇنلارنى.
يامغۇر ئورنىغا مۆلدۈر ياغدى، مىسىرنى چاقماق ئۇردى.
مەنمۇ سىلەرگە قارشى تۇرۇپ، غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن. سىلەرنى گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ھەسسىلەپ جازالايمەن.
لېكىن سەن قار ئامبارلىرىغا كىرىپ باققانمىدىڭ، ياكى مۆلدۈر ئامبارلىرىنى كۆرگەنمىدىڭ؟
مەن يۇقىرىغا قارىسام، غايىبانە ئالامەتتە شىمالدىن بوران چىقىۋېتىپتۇ. بوراننىڭ ئىچىدە ئوتتەك يېنىپ تۇرغان چوڭ بىر پارچە بۇلۇت بار ئىدى. ئەتراپى پارلاق نۇرغا تولغانىدى. ئوتنىڭ مەركىزى تاۋلانغان مېتالدەك يالتىرايتتى.
تام ئۆرۈلگەندىن كېيىن، كىشىلەر سىلەردىن سىلەر ھاكلىغان تامنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى سورىشىدۇ.›
مەن ئۇلارنى كېلىدىغان ئاپەتلەر، بولىدىغان جەڭ-ئۇرۇشلار ئۈچۈن ساقلاپ قويغانىدىم.
ئاھ، ئىگىمىزنىڭ غەزىپى خۇددى قارا بۇلۇتقا ئوخشاش قاپلىدى سىئوننى، ئەرشتىن ئېلىپ، تاشلىدى يەرگە ئىسرائىلىيەنىڭ شەرىپىنى. ئۇ غەزەپلەنگەندە ئۆزىنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئويلاپمۇ قويمىدى.
ئۇ قاتتىق غەزەپلىنىپ، يوق قىلدى ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى، دۈشمەن ھۇجۇم قىلغاندا كۆتۈرمىدى ھەممىگە قادىر قولىنى. ئۇ ھەممىنى يالماپ يۇتۇپ ئوت كەبى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلدى ياقۇپنىڭ يۇرتىنى.
پەرۋەردىگار دۈشمىنىگە بەتلىگەندەك ئوقياسىنى، ئوڭ قولىدا تارتىپ يانىڭ كىرىچىنى، ئۆلتۈردى بىز سۆيگەن بارلىق كىشىلەرنى، ياغدۇردى ھەم سىئون خەلقىگە ئوتتەك قەھرىنى.