Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 13:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئەي ئادەم بالىسى، شۇڭا سەن تامنى ھاكلاپ قويغان ئاشۇ ساختا پەيغەمبەرلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق ئېيت: ‹سىلەر ھاكلىغان تام چوقۇم ئۆرۈلىدۇ، قاتتىق يامغۇر كېلىۋاتىدۇ، مۆلدۈر ياغىدۇ، كۈچلۈك بوران چىقىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 13:11
19 Referans Kwoze  

ۋابا، قىرغىنچىلىق، قاتتىق يامغۇر، مۆلدۈر، ئوت ۋە گۈڭگۈرت بىلەن ئۇنى، قوشۇنىنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن خەلقلەرنى جازالايمەن.


قاراڭلار، پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك ۋە كۈچلۈك بىرسىنى ئەۋەتىدۇ. ئۇ مۆلدۈر، قارا بوران ۋە قارا يامغۇر ئېلىپ كەلگەن كەلكۈندەك كېلىدۇ، بۇ شەھەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ.


ئۇنداق ئىمارەت بوران، يامغۇر ۋە كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ، ئۆرۈلگەندىمۇ ئىنتايىن پاجىئەلىك ئۆرۈلىدۇ!


بوران سوقۇپ، يامغۇر ئۇرۇپ، كەلكۈن كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ ئىمارەت ئۆرۈلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ئۇلى قورام تاشنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان.


پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى زوردۇر، ئۇ ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدۇ، لېكىن ئۇ گۇناھكارلارنى جازالىماي قويمايدۇ. ئۇ بوران ۋە قۇيۇن ئىچىدە يۈرەر، بۇلۇتلار ئۇنىڭ ئاياغلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭ-توزانلاردۇر.


مەيلى مۆلدۈرلەر ئورمانلارنى ۋەيران قىلىۋەتسۇن ياكى شەھەرلەرنى يوق قىلىۋەتسۇن،


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇددى گۈلدۈرمامىدەك، يەر تەۋرىگەندەك دەھشەتلىك بىر ئاۋاز بىلەن كېلىدۇ. جۇدۇن-چاپقۇن، قارا بوران ۋە ئۇلغىيىپ كۆيۈۋاتقان ئوت بىلەن كېلىدۇ.


سەن يوقسۇللارنىڭ باشپاناھىسەن، قىيىنچىلىقتا قالغان بىچارىلەرنىڭ باشپاناھىسەن. بوران-چاپقۇندىن دالدىلىنىدىغان پاناھگاھىسەن ۋە ئىسسىقتىن دالدىلىنىدىغان سايىسەن. زالىملار دەھشەتلىك بوراندەك ھۇجۇم قىلىدۇ،


شۇڭا دۇئا قىلسۇن ساڭا، تەقۋادارلار پۇرسىتىنىڭ بارىدا. دېڭىز-ئوكيان تاشقىن بولۇپ تاشسىمۇ ناۋادا، شۈبھىسىزكى، تاشقىنلىرى يېتىپ بارالماس ئۇلارغا.


قىزىق شامال، ئوت، گۈڭگۈرت، چوغلار، يامانلارنىڭ ھاياتىغا نېسىۋە بولار.


شەرق شامىلى ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنى ئۆز ئورنىدىن ئېلىپ كېتىدۇ.


لېكىن سەن قار ئامبارلىرىغا كىرىپ باققانمىدىڭ، ياكى مۆلدۈر ئامبارلىرىنى كۆرگەنمىدىڭ؟


مەن يۇقىرىغا قارىسام، غايىبانە ئالامەتتە شىمالدىن بوران چىقىۋېتىپتۇ. بوراننىڭ ئىچىدە ئوتتەك يېنىپ تۇرغان چوڭ بىر پارچە بۇلۇت بار ئىدى. ئەتراپى پارلاق نۇرغا تولغانىدى. ئوتنىڭ مەركىزى تاۋلانغان مېتالدەك يالتىرايتتى.


تام ئۆرۈلگەندىن كېيىن، كىشىلەر سىلەردىن سىلەر ھاكلىغان تامنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى سورىشىدۇ.›


مەن ئۇلارنى كېلىدىغان ئاپەتلەر، بولىدىغان جەڭ-ئۇرۇشلار ئۈچۈن ساقلاپ قويغانىدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite