13 مەن تور يېيىپ، ئۇنى تۇتۇپ، بابىللىقلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كېلىمەن، لېكىن ئۇ بابىللىقلارنىڭ زېمىنىنى كۆرەلمەيدۇ ۋە شۇ يەردە ئۆلىدۇ.
ئۇلار ئۇچقاندا، مەن ئۇلارغا تور يايىمەن. خۇددى ئاسماندىكى قۇشلارنى تۇتقاندەك، ئۇلارنى تۇتىمەن. ئۇلارنىڭ توپلاشقانلىقىنى ئاڭلىسام، ئۇلارنى جازالايمەن.
مەن تورۇمنى يېيىپ، ئۇنى تۇتىمەن. ئۇنى بابىلغا ئېلىپ بېرىپ، ماڭا قىلغان ساداقەتسىزلىكى ئۈچۈن، ئۇنى سوراق قىلىمەن.
ئاندىن ئۇ زىدقىيانىڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، ئۇنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.
ئىگەڭ پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ساڭا قارشى ئەۋەتىمەن نۇرغۇن خەلقلەرنى، تور تاشلاپ، تۇتۇپ چىقار ئۇلار سېنى.
مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ پادىشاھ بابىلدا، يەنى ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن بابىل پادىشاھىنىڭ شەھىرىدە ئۆلىدۇ. چۈنكى ئۇ قىلغان قەسىمىگە ۋاپا قىلماي، بابىل پادىشاھى بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بۇزدى.
چۈنكى، ئۇ ئاپەتلەر يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كېلىدۇ.
چۈشتۇق بىز قورقۇنچقا، يۈزلەندۇق تۇزاق، ھالاكەت ۋە يوقىلىشقا.»
ئۇ پەلەكتىن ئوت چۈشۈرۈپ، كۆيدۈردى سۆڭەكلىرىمنى. تۇزاق قۇرۇپ يولۇمغا، قايتۇردى مېنى ئارقامغا. ئۇ مېنى مەھكۇم قىلدى تەنھالىققا، ئۈزلۈكسىز ئېچىنىشلىق ئازابقا.
ئى بابىل، مەن ساڭا بىر تۇزاق قۇردۇم، سەن بىلمەستىن بۇ تۇزاققا چۈشىسەن. سەن مەن پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن، تۇتقۇن قىلىندىڭ.
سەن ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن. سەن چوقۇم تۇتقۇن بولۇپ، ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن. سەن نىبۇكادنەزەرنىڭ ئالدىدا يۈزمۇيۈز تۇرۇپ، جاۋاب بېرىشكە دۇچ كېلىسەن. ئاندىن ئۇلار سېنى بابىلغا ئېلىپ بارىدۇ.
قىزىق شامال، ئوت، گۈڭگۈرت، چوغلار، يامانلارنىڭ ھاياتىغا نېسىۋە بولار.
خۇدانىڭ ماڭا ئۇۋال قىلغانلىقىنى، ماڭا قىلتاق قۇرغانلىقىنى بىلىشىڭلار كېرەك.
سەن تۇزاققا چۈشۈردۈڭ بىزنى، يەلكىمىزگە ھەم ئارتتىڭ ئېغىر يۈكنى.
لېكىن مەن ساڭا ئېيتايكى، ناچار ئەنجۈرلەر يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى، يېرۇسالېمدا قالغان كىشىلەر ۋە مىسىردا ياشايدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. مەن ئۇلارغا خۇددى سېسىپ يېگىلى بولمايدىغان ناچار ئەنجۈرلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىمەن.
زىدقىيا بابىلغا يالاپ ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇ يەردە تاكى مەن ئۇنى جازالاپ بولغۇچە تۇرىدۇ. سىلەر بابىللىقلارغا قارشى ئۇرۇش قىلساڭلارمۇ، يېڭەلمەيسىلەر.›»
كېيىن پادىشاھ زىدقىيا ئۇنى ئوردىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆزلەشتى ۋە ئۇنىڭدىن: _ پەرۋەردىگاردىن بىرەر ۋەھىي تاپشۇرۇۋالدىڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھەئە، تاپشۇرۇۋالدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى يەرەمىيا، ئاندىن، _ سەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن، _ دېدى،
(بابىلدىكى كىبار قانىلى بويىدا، بۇزىنىڭ ئوغلى ئەزەكىئەلگە پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى ۋە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى چۈشتى.)
نەرسە-كېرەكلىرىڭنى يۈدۈپ، شۇ يەردىن كەچ ۋاقتىدا چىقىپ كەت. يۇرتۇڭنى كۆرمەسلىكىڭ ئۈچۈن يۈزۈڭنى يېپىۋال. چۈنكى مەن سېنى سۈرگۈن قىلىنىدىغان ئىسرائىللارغا تەمسىل قىلماقچى.
ئۇنىڭ ئۈچۈن توپا ئاستىغا قاپقان كۆمۈلگەن بولۇپ، يولدا ئۇنى قىلتاق كۈتۈپ تۇرىدۇ.