12 يېرۇسالېمدىكى پادىشاھ نەرسە-كېرەكلىرىنى يۈدۈپ، كېچىدە يولغا چىقىپ، تامنىڭ تۆشۈكىدىن چىقىپ كېتىدۇ، ئۇ يۇرتىنى كۆرمەسلىكى ئۈچۈن يۈز-كۆزىنى ئېتىۋالىدۇ.
يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ئۇلارنى كۆرۈپ، قاچماقچى بولدى. ئۇلار شۇ كېچىسى شەھەردىن ئايرىلىپ، پادىشاھ باغچىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئىككى سېپىل ئارىسىدىكى دەرۋازا ئارقىلىق شەھەردىن چىقىپ، ئىئوردان ۋادىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
بابىللىقلار ئاخىرى شەھەر سېپىلىنى بۇزدى. گەرچە بابىللىقلار شەھەرنى ھەممە تەرەپتىن قورشاپ تۇرغان بولسىمۇ، يېرۇسالېمدىكى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى پادىشاھى زىدقىياغا ئەگىشىپ، كەچتە پادىشاھنىڭ بېغىنىڭ يېنىدىكى ئىككى سېپىل ئارىسىدىكى دەرۋازا ئارقىلىق ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىغا قاراپ قاچتى.
نەرسە-كېرەكلىرىڭنى يۈدۈپ، شۇ يەردىن كەچ ۋاقتىدا چىقىپ كەت. يۇرتۇڭنى كۆرمەسلىكىڭ ئۈچۈن يۈزۈڭنى يېپىۋال. چۈنكى مەن سېنى سۈرگۈن قىلىنىدىغان ئىسرائىللارغا تەمسىل قىلماقچى.
بابىللىقلار ئاخىرى شەھەر سېپىلىنى بۇزدى. گەرچە بابىللىقلار شەھەرنى ھەممە تەرەپتىن قورشاپ تۇرغان بولسىمۇ، يېرۇسالېمدىكى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى پادىشاھى زىدقىياغا ئەگىشىپ، كەچتە پادىشاھنىڭ بېغىنىڭ يېنىدىكى ئىككى سېپىل ئارىسىدىكى دەرۋازا ئارقىلىق شەھەردىن چىقىپ، ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىغا قاراپ قاچتى.
ئون كۈندىن كېيىن، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا جاۋاب كەلدى.
لېكىن مەن ساڭا ئېيتايكى، ناچار ئەنجۈرلەر يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى، يېرۇسالېمدا قالغان كىشىلەر ۋە مىسىردا ياشايدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. مەن ئۇلارغا خۇددى سېسىپ يېگىلى بولمايدىغان ناچار ئەنجۈرلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىمەن.
زىدقىيا بابىلغا يالاپ ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇ يەردە تاكى مەن ئۇنى جازالاپ بولغۇچە تۇرىدۇ. سىلەر بابىللىقلارغا قارشى ئۇرۇش قىلساڭلارمۇ، يېڭەلمەيسىلەر.›»
كېيىن پادىشاھ زىدقىيا ئۇنى ئوردىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆزلەشتى ۋە ئۇنىڭدىن: _ پەرۋەردىگاردىن بىرەر ۋەھىي تاپشۇرۇۋالدىڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھەئە، تاپشۇرۇۋالدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى يەرەمىيا، ئاندىن، _ سەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن، _ دېدى،
خۇددى سۈرگۈنگە تەييارلانغان ئادەمدەك، كۈندۈزى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نەرسە-كېرەكلىرىڭنى يىغىشتۇر. گۇگۇم ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا خۇددى سۈرگۈن قىلىنغاندەك ماڭ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇگۇم چۈشكەندە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئارراملارنىڭ بارگاھى تەرەپكە ماڭدى. ئۇلار ئارراملارنىڭ بارگاھىغا يېقىن كەلدى، ئەمما ئۇ يەردە بىرمۇ ئادەمنى كۆرمىدى.
ئوغرىلار كېچىلىرى تام تېشىدۇ، كۈندۈزلىرى يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. نۇر بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىمايدۇ.