Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 12:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 سەن ئۇلارغا يەنە: «مەن سىلەرگە پەقەت بىر تەمسىل بولدۇم. مەن كۆرسەتكەن ئىشلار چوقۇم كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ زېمىنىڭلاردا يۈز بېرىدۇ» دەپ ئېيت. ئۇلار ئەسىرگە ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 12:11
11 Referans Kwoze  

شەھەردە قالغان بىر قىسىم نامراتلار، بابىل پادىشاھىغا بۇرۇن تەسلىم بولغانلار، قېلىپ قالغان ھۈنەرۋەنلەر ۋە باشقا قېلىپ قالغانلارنى ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان يالاپ بابىلغا ئېلىپ كەتتى.


ئەگەر ئۇلار سەندىن نەگە كېتىشلىرى كېرەكلىكىنى سورىسا، ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «كېسەل بىلەن ئۆلۈشكە بۇيرۇلغانلار كېسەل تارتىپ ئۆلىدۇ! ئۇرۇشتا ئۆلۈشكە بۇيرۇلغانلار ئۇرۇشتا ئۆلىدۇ! ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈشكە بۇيرۇلغانلار ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدۇ! سۈرگۈن بولۇشقا بۇيرۇلغانلار سۈرگۈن بولىدۇ!»


نەرسە-كېرەكلىرىڭنى يۈدۈپ، شۇ يەردىن كەچ ۋاقتىدا چىقىپ كەت. يۇرتۇڭنى كۆرمەسلىكىڭ ئۈچۈن يۈزۈڭنى يېپىۋال. چۈنكى مەن سېنى سۈرگۈن قىلىنىدىغان ئىسرائىللارغا تەمسىل قىلماقچى.


قولۇڭغا بىر تاۋا ئېلىپ، ئۇنى سەن بىلەن شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۆمۈر تام سۈپىتىدە تىكلەپ قوي. ئاندىن شەھەرگە يۈزلەن، شەھەر قورشاۋغا ئېلىنغان ھالەتتە بولسۇن، شەھەرنى سەن قورشاۋغا ئالىسەن. بۇ ئىسرائىل خەلقىگە بېرىلگەن بىر بېشارەت بولىدۇ.


شۇڭا سەن خۇددى سۈرگۈنگە تەييارلانغان ئادەمدەك، كۈندۈزى نەرسە-كېرەكلىرىڭنى يىغىشتۇر. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن باشقا يەرگە كەت. گەرچە ئۇلار ئاسىي بولسىمۇ، ئۇلار سېنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىڭنى كۆرۈپ، بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلىشى مۇمكىن.


ئەي باش روھانىي يوشۇۋا ۋە سەن بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغانلار، قۇلاق سېلىڭلار. سىلەر يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشلارنىڭ بېشارىتىدۇرسىلەر. مەن ‹نوتا› دەپ ئاتالغان خىزمەتكارىمنى ئەۋەتىمەن.


ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، ئۇنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ باردى.


ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان شەھەردە قالغان ئاھالىلەرنى، بابىل پادىشاھىغا بۇرۇن تەسلىم بولغانلارنى ھەم شەھەر ئەتراپىدا قالغان خەلقنى يالاپ ئېلىپ كەتتى.


ئى يېرۇسالېم خەلقى، دۈشمەنلىرىڭلار سىلەرنىڭ تۆت ئەتراپىڭلارنى قورشىۋالغان. يۈك-تاقلىرىڭلارنى يىغىشتۇرۇپ، بۇ زېمىندىن كېتىشكە تەييارلىنىڭلار.


_ ئەي ئادەم بالىسى، بىر دانە كېسەك ئەكېلىپ، ئۇنى ئالدىڭغا قوي ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرۇسالېم شەھىرىنى ئويۇپ چىق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite