4 شۇڭا ئەي ئادەم بالىسى، ۋەھىيىمنى يەتكۈز، ئۇلارغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇرغا چالغىن! دۈشمەن مېنىڭ خەلقىمگە خۇددى بۈركۈتتەك ھۇجۇم قىلىدۇ. چۈنكى بۇ خەلق مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزۇپ، قانۇنلىرىمغا خىلاپلىق قىلدى.
شۇڭا مەن پەيغەمبەر ئارقىلىق سىلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلدىم، سۆزلىرىم بىلەن سىلەرنى ئۆلتۈردۈم. تاڭنىڭ ئېتىشى مۇقەررەر بولغىنىدەك مېنىڭ ھۆكۈملىرىم چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.
_ ئەي ئادەم بالىسى، ئاممون خەلقىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز
_ ئەي ئادەم بالىسى، يېرۇسالېمغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى ئىبادەتخانىغا قارشى سۆزلە، ئىسرائىلىيەگە قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «يۇقىرى ئاۋازدا سۈرەن سال، توختاپ قالما، ئاۋازىڭ ياڭراق بولسۇن، خۇددى بۇرغا چالغاندەك، خەلقىمگە ئۆزىنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىنى كۆرسەت. ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى بايان قىل.