ئەزەكىئەل 11:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى12 شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. چۈنكى سىلەر مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلماستىن، ئەكسىچە ئەتراپىڭلاردىكى قوشنا ئەللەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئەگەشتىڭلار.» Gade chapit la |
پەرۋەردىگار خەلققە مۇنداق دېدى: «سىلەر تۆت كوچىدا تۇرۇۋاتىسىلەر، شۇڭا يولۇڭلارنى كۆزىتىڭلار. كونا، ئىشەنچلىك يولنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سوراڭلار. قايسى يولنىڭ بەخت-سائادەتكە باشلايدىغانلىقىنى سوراپ، شۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، قەلبىڭلار ئارام تاپىدىغان جاينى تاپالايسىلەر. بىراق خەلقىم: ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭمايمىز!› دېدى.
سۇلايمان مەندىن ۋاز كېچىپ، سىدونلۇقلارنىڭ ئىلاھەسى ئاشتورەت، موئابلارنىڭ ئىلاھى كىموش ۋە ئاممونلارنىڭ ئىلاھى مولەككە چوقۇنۇپ، مېنىڭ يولۇمنى تۇتمىدى. ئۇ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلماي، ئەمر-پەرمانلىرىم ۋە قائىدە-تۈزۈملىرىمگە ئاتىسى داۋۇت رىئايە قىلغاندەك رىئايە قىلمىدى. شۇڭا ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالىمەن.