ئەزەكىئەل 11:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 شۇ چاغدا روھ مېنى كۆتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىغا ئېلىپ باردى. مەن ئۇ يەردە 25 ئادەمنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خەلقنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ئاززۇرنىڭ ئوغلى يائازانيا ۋە بىنايانىڭ ئوغلى پىلاتيامۇ بار ئىدى. Gade chapit la |
ئۇ چېچىمدىن تۇتتى. چېچىمدىن تۇتقىنى ئادەمنىڭ قولىغا ئوخشايتتى. ئاندىن روھ مېنى غايىبانە ئالامەتنىڭ ئىچىدە كۆتۈرۈپ، يەر بىلەن ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ ماڭدى ۋە مېنى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى ھويلىسىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىغا ئېلىپ باردى. ئۇ يەردە بىر بۇت بولۇپ، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قەھر-غەزىپىنى قوزغايتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى قىزغىناتتى.
يەھۇدىيەنىڭ باشقا يەرلەردىكى قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ۋە لەشكەرلىرى بابىل پادىشاھىنىڭ گىداليانى قېلىپ قالغان ئاھالىلەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى مىزپاھقا كەلدى. ئۇلار نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان، نىتوفالىق تانخۇمەتنىڭ ئوغلى سىرايا، مائاكا جەمەتىدىن بولغان يائازانيا ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئىدى.