9 قارىسام، تۆت نەپەر كېرۇبنىڭ يانلىرىدا بىردىن چاق تۇرۇپتۇ. چاقلار سېرىق ياقۇتتەك جۇلالىنىپ تۇراتتى.
بەشىنچىسى قىزىل ھېقىق، ئالتىنچىسى قىزىل كۋارتس، يەتتىنچىسى سېرىق كۋارتس، سەككىزىنچىسى رەڭسىز ياقۇت، توققۇزىنچىسى توپاز، ئونىنچىسى يېشىل كۋارتس، ئون بىرىنچىسى سۆسۈن ياقۇت ۋە ئون ئىككىنچىسى سۆسۈن كۋارتس ئىدى.
ئۇنىڭ تېنى سېرىق ياقۇتتەك جۇلالىنىپ، يۈزلىرى چاقماقتەك يالتىراپ تۇراتتى. كۆزلىرى ئوتتەك چاقنايتتى. پۇت-قوللىرى پارقىراق تۇچتەك ۋالىلدايتتى. ئاۋازى بىر توپ ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك گۈلدۈرمامىلىق ئىدى.
كېرۇبلارنىڭ قانىتىنىڭ ئاستىدا قول باردەك قىلاتتى.
ھەممە چاق ئوخشاش كۆرۈنەتتى. ھەربىر چاقنىڭ ئىچىدە يەنە بىردىن چاق بار ئىدى.
ھەربىر ھارۋىغا تۆت دانە تۇچ چاق ئورنىتىلىپ، چاقلار تۇچ ئوقلار بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. ئاستىدىكى رامكىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە داسنى تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن تۆت دانە خادا ئورنىتىلدى ۋە ئۇلارغا گۈل زەنجىرلىرىنىڭ شەكلىدە نەقىش چىقىرىلدى.