6 پەرۋەردىگار زىغىر رەختتىن كىيىم كىيگەن ئادەمگە: «سەن كېرۇبلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، چاقلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئوت ئالغىن» دەپ ئەمر قىلدى، ئۇ ئادەم كىرىپ، بىر چاقنىڭ يېنىدا تۇردى.
پەرۋەردىگار ھېلىقى زىغىر رەختتىن تىكىلگەن كىيىم كىيگەن ئادەمگە: _ سەن كېرۇبلارنىڭ ئاستىدا ئايلىنىۋاتقان چاقلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ، ئالىقىنىڭنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چوغ بىلەن تولدۇرۇپ، ئاندىن چوغلارنى شەھەرگە چاچقىن، _ دېدى. مەن ئۇنىڭ كىرىشىنى كۆزىتىپ تۇردۇم.
ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار! ئۇ كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرار، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ تىترىسۇن پۈتكۈل قوۋملار، ھەيۋىسىدىن زىلزىلىگە كەلسۇن ھەممە جايلار.
ئى ئىسرائىللارغا قويچى بولۇپ يول باشلىغۇچى، يۈسۈپ نەسلىنى قوي پادىسىدەك يېتەكلىگۈچى، كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچى، ئۆتۈنەي، بىزگە قۇلاق سالغىن، شان-شەرەپلىك نۇرۇڭنى چاچقىن.
ھېلىقى تۆت دانە كېرۇبنىڭ قاناتلىرىنى قاققان ۋاقتىدا چىققان ئاۋازى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ سۆزلىگەن ۋاقتىدىكى ئاۋازىغا ئوخشايتتى. بۇ ئاۋازنى تاشقىرىقى ھويلىدىنمۇ ئاڭلىغىلى بولاتتى.
بىر كېرۇب قولىنى كېرۇبلارنىڭ ئارىسىدىكى ئوتقا سوزۇپ ئوت ئېلىپ، زىغىر رەختتىن كىيىم كىيگەن ئادەمنىڭ ئالقىنىغا قويدى. ئۇ ئادەم ئوتنى ئېلىپ، چىقىپ كەتتى.
مەن قاراپ تۇراتتىم، بىرقانچە تەختلەر ئۆز ئورۇنلىرىغا قويۇلدى. ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچى ئۆز تەختىدە ئولتۇردى. ئۇنىڭ كىيىملىرى قاردەك، چاچلىرى ئاق يۇڭدەك ئاپئاق ئىدى. ئۇنىڭ تەختى ئوت يالقۇنىدىن بولۇپ، كۆيۈۋاتقان چاقلارنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.