Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 10:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانا ئىچىدىكى ئالتۇندىن ياسالغان ئىككى كېرۇبنىڭ ئۈستىدىن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈپ، بوسۇغىغا كەلدى. ئىبادەتخانا بۇلۇتقا، ئىچكىرىكى ھويلا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ يورۇقلۇقىغا تولدى.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 10:4
15 Referans Kwoze  

ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى يامغۇردىن كېيىن بۇلۇتلار ئارىسىدا پەيدا بولىدىغان ھەسەن-ھۈسەنگە ئوخشايتتى. ئەتراپىدىكى پارلىغان نۇرنىڭ كۆرۈنۈشىمۇ شۇنداق ئىدى. بۇ نۇر پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا ئوخشايتتى. مەن بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنى يەرگە تاشلىدىم ۋە ئارقىدىن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.


شۇ ئەسنادا، ئالتۇندىن ياسالغان ئىككى كېرۇبنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانىدىكى جايىدىن كۆتۈرۈلۈپ، بوسۇغىغا كەلدى. پەرۋەردىگار زىغىر رەختتىن كىيىم كىيىپ، يېنىغا كاتىپلىق قوراللىرى ئېسىۋالغان ئادەمنى چاقىرىپ،


ئىبادەتخانا خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە قۇدرىتىدىن تۈتۈن بىلەن تولدى. يەتتە پەرىشتىنىڭ يەتتە بالايىئاپىتى تامام بولمىغۇچە، ھېچكىم ئىبادەتخانىغا كىرەلمىدى.


ئۇ ۋاقىتتا، پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئايرىلىپ، كېرۇبلارنىڭ ئۈستى تەرىپىدە توختىدى.


مۇسا ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرەلمىدى. چۈنكى بۇلۇت چېدىرنى قاپلىغان بولۇپ، چېدىرنىڭ ئىچى پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولغانىدى.


بۇ ئىبادەتخانىنىڭ كەلگۈسى بۇرۇنقىدىنمۇ پارلاق بولىدۇ. مەن بۇ يەردە ئۇلارغا تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلىمەن! بۇ مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمدۇر!»


ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنى كۆتۈرۈپ، ئىچكىرىكى ھويلىغا ئېلىپ كىردى. ئىبادەتخانا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولغانىدى.


كوراھ بارلىق جامائەتنى يىغىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا مۇسا ۋە ھارۇنغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلاندى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى پۈتۈن جامائەتكە زاھىر بولدى.


شۇ چاغدا بىر پارچە بۇلۇت ئۇچرىشىش چېدىرىنى قاپلىدى. چېدىر پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولدى.


ئۇززىيا پادىشاھ ۋاپات بولغان يىلى، مەن كۆكتە يۈكسەك تەختتە ئولتۇرغان ئىگەمنى كۆردۈم. ئۇنىڭ لىباسىنىڭ ئېتىكى ئىبادەتخانا ئىچىگە تولغانىدى.


قارىسام، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى شەرقتىن كېلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن دېڭىز شاۋقۇنىدەك كۈچلۈك ئاۋاز چىقاتتى. زېمىنمۇ خۇدانىڭ پارلاق نۇرىدىن جۇلالانغانىدى.


ئاندىن ئۇ ئادەم مېنى قايتىدىن ئىچكىرىكى شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. قارىسام، ئىبادەتخانا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولۇپتۇ. مەن ئۆزۈمنى يەرگە تاشلىدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite