15 كېيىن بۇ كېرۇبلار يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى. ئۇلار دەل مەن كىبار قانىلى بويىدا كۆرگەن مەخلۇقلار ئىدى.
ئوتنىڭ ئىچىدە تۆت مەخلۇق تۇراتتى. كۆرۈنۈشتە ئۇلار ئادەمگە ئوخشايتتى.
گەرچە ئۇلار بالا چوڭ قىلسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالىمەن، بىرسىنىمۇ تىرىك قالدۇرمايمەن. مەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
مەن كۆرگەن بۇ غايىبانە ئالامەت خۇدا يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلماقچى بولغان چاغدا كۆرگەن ئالامەتكە ۋە كىبار قانىلى بويىدا كۆرگەن ئالامەتكە ئوخشايتتى. مەن دەرھال ئۆزۈمنى يەرگە تاشلىدىم.
كېرۇبلار قاناتلىرىنى قېقىپ كۆتۈرۈلدى، چاقلارمۇ تەڭ كۆتۈرۈلدى. ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى بار ئىدى.
ئۇ ماڭا يەنە: _ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىللارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇلار بۇ يەردە ئاشۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىپ، مېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامدىن يىراقلىشىشىمغا سەۋەب بولدى. سەن يەنە تېخىمۇ يىرگىنچلىك بولغان ئىشلارنى كۆرىسەن، _ دېدى.
(بابىلدىكى كىبار قانىلى بويىدا، بۇزىنىڭ ئوغلى ئەزەكىئەلگە پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى ۋە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى چۈشتى.)
ھاياتىمنىڭ 30-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى كىبار قانىلى بويىدا سۈرگۈندىكىلەر بىلەن بىرگە ئىدىم. تۇيۇقسىز ئاسمان يېرىلىپ، خۇدانىڭ غايىبانە ئالامەتلەر پەيدا قىلغانلىقىنى كۆردۈم.
كېرۇبلار ھەرىكەت قىلسا، يېنىدىكى چاقلارمۇ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلاتتى. كېرۇبلار قاناتلىرىنى قېقىپ كۆتۈرۈلگەندە، چاقلارمۇ ئۇلاردىن ئايرىلمايتتى.