7 ئۇلارنىڭ پاچاقلىرى تۈز، پۇتلىرى موزاي تۇياقلىرىدەك بولۇپ، پۇتلىرى خۇددى پارقىرىتىلغان تۇچتەك يالتىرايتتى.
پۇتلىرى ئوچاقتا تاۋلىنىپ پارقىرىغان تۇچقا ئوخشايتتى، ئاۋازى شارقىراپ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ شاۋقۇنىدەك ئىدى.
ئۇنىڭ تېنى سېرىق ياقۇتتەك جۇلالىنىپ، يۈزلىرى چاقماقتەك يالتىراپ تۇراتتى. كۆزلىرى ئوتتەك چاقنايتتى. پۇت-قوللىرى پارقىراق تۇچتەك ۋالىلدايتتى. ئاۋازى بىر توپ ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك گۈلدۈرمامىلىق ئىدى.
مەخلۇقلار يالقۇنلاۋاتقان چوغ ياكى مەشئەلگە ئوخشايتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر ئوت ھەرىكەت قىلاتتى. بۇ ئوت چاقناپ تۇراتتى، ئۇنىڭدىن چاقماق چېقىلاتتى.
شامال قىلىسەن پەرىشتىلىرىڭنى، ئوت يالقۇنى قىلىسەن خىزمەتكارلىرىڭنى.
نېمىنىڭ ھالال، نېمىنىڭ ھارام، نېمىنى يېسە بولىدىغان، نېمىنى يېسە بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئايرىۋېلىڭلار.»
تۇيىقى ئاچىماق ھەم كۆشەيدىغان ھەرقانداق ھايۋانلارنى يېسەڭلار بولىدۇ.
ئۇ مېنى ئاشۇ يەرگە ئېلىپ باردى. قارىسام، دەرۋازىنىڭ ئالدىدا تۇچتەك پارقىراق بىر ئادەم تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ قولىدا زىغىر تانىدىن ۋە تاياقتىن ياسالغان ئىككى ئۆلچىگۈچ بار ئىدى.