Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 1:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 ئۇنىڭ بېلىنىڭ ئۈستىنىڭ ئوتتا قىزارغان مېتالدەك يالتىرايدىغانلىقىنى، تۆت ئەتراپىدا ئوت يېنىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ بېلىنىڭ ئاستى مەشئەلگە ئوخشايتتى ۋە ئەتراپى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇر بىلەن قورشالغانىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 1:27
11 Referans Kwoze  

مەن يۇقىرىغا قارىسام، غايىبانە ئالامەتتە شىمالدىن بوران چىقىۋېتىپتۇ. بوراننىڭ ئىچىدە ئوتتەك يېنىپ تۇرغان چوڭ بىر پارچە بۇلۇت بار ئىدى. ئەتراپى پارلاق نۇرغا تولغانىدى. ئوتنىڭ مەركىزى تاۋلانغان مېتالدەك يالتىرايتتى.


قارىسام، ئالدىمدا تۇرقى ئادەمگە ئوخشايدىغان بىر شەكىل تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بېلىنىڭ ئاستى تەرىپى ئوتقا، ئۈستى تەرىپى ئوتتا قىزارغان مېتالغا ئوخشايتتى.


چۈنكى، خۇدايىمىز ھەممىنى ھالاك قىلالايدىغان ئوتقا ئوخشايدۇ.


سىرلىق ۋە پىنھانلىق ئارا تۇرار پەرۋەردىگار، ھەققانىيەت، ئادالەتتە تەختى ئۇنىڭ مەزمۇت تۇرار.


رەببىمىز سۈكۈت قىلىپ تۇرماس زىنھار، كەلمەكتە ئۇ، ئالدىدا ئوت يالقۇنى يالماپ كېلەر، ئەتراپىدا بوران-چاپقۇن ھۇۋلاپ كېلەر.


چۈنكى سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا خۇددى دەھشەتلىك كۆيۈۋاتقان ئوتتۇر، ئۇ قىزغىنىدىغان خۇدادۇر.


شۇ چاغدا، رەببىمىز ئەيسا خۇدانى تونۇشنى خالىمىغانلارنى ۋە ئۆزى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلمىغانلارنى جازالايدۇ.


چوققىدىكى بۇ پارلاق نۇر باشقا ئىسرائىللارغا گويا دەھشەتلىك كۆيۈۋاتقان ئوتتەك كۆرۈندى.


ئوراپ تۇرار شان-شەرەپ ۋە بۈيۈكلۈك ئۇنى، قۇدرەت ۋە شاد-خۇراملىققا تولغاندۇر ئۇنىڭ تۇرارگاھى.


ئۇنىڭ جۇلاسى خۇددى تاڭ نۇرىدەك پارلاق، قۇدرەت يوشۇرۇنغان قولىدىن چېقىلار چاقماق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite