Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 1:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 ئۇلار ئۇچقان ۋاقتىدا، قاناتلىرىدىن دېڭىز شاۋقۇنىدەك كۈچلۈك ئاۋاز چىقاتتى. ئۇ ئاۋاز خۇددى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئاۋازىغا ياكى بىر قوشۇندىن چىققان شاۋقۇن-سۈرەنگە ئوخشايتتى. مەخلۇقلار توختىغاندا، قاناتلىرىنى يىغاتتى.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 1:24
12 Referans Kwoze  

قارىسام، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى شەرقتىن كېلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن دېڭىز شاۋقۇنىدەك كۈچلۈك ئاۋاز چىقاتتى. زېمىنمۇ خۇدانىڭ پارلاق نۇرىدىن جۇلالانغانىدى.


ئۇنىڭ تېنى سېرىق ياقۇتتەك جۇلالىنىپ، يۈزلىرى چاقماقتەك يالتىراپ تۇراتتى. كۆزلىرى ئوتتەك چاقنايتتى. پۇت-قوللىرى پارقىراق تۇچتەك ۋالىلدايتتى. ئاۋازى بىر توپ ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك گۈلدۈرمامىلىق ئىدى.


پۇتلىرى ئوچاقتا تاۋلىنىپ پارقىرىغان تۇچقا ئوخشايتتى، ئاۋازى شارقىراپ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ شاۋقۇنىدەك ئىدى.


ئاندىن، سۇلارنىڭ شارقىرىشىغا، قاتتىق گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈرلىشىگە ۋە نۇرغۇن خالايىقنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: «ھەمدۇسانا! ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ھۆكۈمراندۇر.


قەدىمدىن بار بولغان، ئاسمانلاردا يۈرىدىغان، قۇدرەتلىك ئاۋازىدا ئاسمان باغرىنى يارغان، ئىگىمىزنىڭ شەنىگە كۈي-ناخشىلار ئېيتىڭلار.


پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى گۈلدۈرلەپ ئاسماندا ياڭرىتىپ ئاۋازىنى ئۇلۇغ خۇدا، ياغدۇردى مۆلدۈر ۋە قىپقىزىل چوغلار.


ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ گۈلدۈرلىشىگە قۇلاق سالغىن، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان قاراسلىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ باققىن.


ھېلىقى تۆت دانە كېرۇبنىڭ قاناتلىرىنى قاققان ۋاقتىدا چىققان ئاۋازى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ سۆزلىگەن ۋاقتىدىكى ئاۋازىغا ئوخشايتتى. بۇ ئاۋازنى تاشقىرىقى ھويلىدىنمۇ ئاڭلىغىلى بولاتتى.


چۈنكى ئىگىمىز ئارراملارنىڭ قوشۇنىغا جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ، ئاتلارنىڭ، يەنى زور بىر قوشۇننىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىك ئاۋازىنى ئاڭلاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بىر-بىرىگە: «ئاڭلىدىڭلارمۇ، ئىسرائىلىيە پادىشاھى خىت ۋە مىسىرنىڭ پادىشاھلىرىغا پۇل بېرىپ، ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىنى بىزگە ھۇجۇم قىلىشقا ياللاپتۇ» دېيىشىپ،


بۇ مەخلۇقلارنىڭ قاناتلىرىنىڭ بىر-بىرىگە تېگىشىشىدىن چىققان ئاۋاز ھەمدە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى چاقتىن چىققان گۈلدۈرلىگەن سادا ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite