Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 1:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 مەخلۇقلارنىڭ بېشى ئۈستىدە خۇددى خىرۇستالدەك كۆزنى قاماشتۇرىدىغان سۇپا بار ئىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 1:22
9 Referans Kwoze  

غايىبانە ئالامەتتە مەن كېرۇبلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى سۇپىدا كۆك ياقۇتتىن ياسالغان تەختكە ئوخشايدىغان بىر نەرسىنى كۆردۈم.


تەختنىڭ ئالدىدا يەنە خۇددى خرۇستالدەك پارقىراپ تۇرىدىغان، ئەينەكتەك سۈزۈك دېڭىزغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. تەختنىڭ ھەربىر تەرىپىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئالدى ۋە كەينىدە نۇرغۇن كۆزلىرى بار تۆت تىرىك مەخلۇق تۇراتتى.


ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى سۇپىنىڭ ئۈستىدە كۆك ياقۇتتىن ياسالغان تەختكە ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. تەختكە ئوخشايدىغان ئۇ نەرسىدە ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرى ئولتۇراتتى.


شەھەر خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇنىڭ جۇلاسى ئىنتايىن ئېسىل بىر گۆھەرنىڭ، يېشىل قاشتاشتەك يالتىرىغان خرۇستالنىڭ جۇلاسىغا ئوخشايتتى.


تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ قىياپىتى يېشىل قاشتاش ۋە قىزىل كۋارتسقا ئوخشايتتى. زۇمرەتنى ئەسلىتىدىغان بىر ھەسەن-ھۈسەن تەختنى ئوراپ تۇراتتى.


خۇدا شىمالدىن ئالتۇن رەڭلىك نۇر بىلەن كېلىدۇ، ئۇلۇغ ھەيۋىسى بىلەن كېلىدۇ.


ئۇلار ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى كۆردى! ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدا ئاسمانغا ئوخشاش سۈپسۈزۈك كۆك ياقۇت پايانداز بار ئىدى.


ئۇلار توختاپ قاناتلىرىنى يىغقاندا، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى سۇپىنىڭ ئۈستىدىن جاراڭلىغان بىر ئاۋاز كېلەتتى.


بۇ مەخلۇقلارنى مەن كىبار قانىلى بويىدا ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ ئاستىدا كۆرگەنىدىم. ئەمدى چۈشىنىپ يەتتىمكى، ئۇلار ئاشۇ كېرۇبلار ئىكەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite