Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 1:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 چاقلارنىڭ چەمبىرەكلىرى ئېگىز ۋە ھەيۋەتلىك بولۇپ، كۆزلەر بىلەن تولغانىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 1:18
10 Referans Kwoze  

كېرۇبلارنىڭ بەدىنىنى، يەنى دۈمبىلىرى، قوللىرى ۋە قاناتلىرىنى كۆز قاپلىغانىدى، تۆت چاقلارمۇ شۇنداق ئىدى.


تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتىدىن قانىتى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنى، ھەتتا قانات ئاستىمۇ كۆزلەر بىلەن تولغانىدى. ئۇلار كېچە-كۈندۈز تىنماي مۇنداق دېيىشەتتى: «مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر، ئەزەلدىن بار بولغان، ھازىرمۇ بار ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا!»


تەختنىڭ ئالدىدا يەنە خۇددى خرۇستالدەك پارقىراپ تۇرىدىغان، ئەينەكتەك سۈزۈك دېڭىزغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. تەختنىڭ ھەربىر تەرىپىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئالدى ۋە كەينىدە نۇرغۇن كۆزلىرى بار تۆت تىرىك مەخلۇق تۇراتتى.


قۇرۇلۇشنىڭ باشلىنىشىنى كىچىك ئىش دەپ كۆزگە ئىلمىغانلار ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زىرۇببابەلنىڭ قولىدىكى تامنىڭ تۈزلۈكىنى تەكشۈرىدىغان تانىنى كۆرگەندە خۇشاللىققا چۆمىدۇ. (يەتتە دانە چىراغ پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن زېمىننى كۆزىتىپ تۇرىدىغان يەتتە كۆزىدۇر.)


ئاسمان يەردىن شۇنچە يۇقىرى بولغىنىدەك، مېنىڭ يولۇممۇ، مېنىڭ ئوي-پىكىرلىرىممۇ، سىلەرنىڭكىدىن شۇنچە يۇقىرىدۇر.


ھەر يەرگە چۈشەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرى، كۈزىتىپ تۇرار ئۇ ياخشى-ياماننى.


چاقلارنىڭ تۈزۈلۈشى جەڭ ھارۋىسىنىڭ چاقلىرىنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئوخشاش بولۇپ، چاق ئوقى، چاق گەردىشى، چاق شادىسى ۋە چاق مەركىزىنىڭ ھەممىسى تۇچتىن قۇيۇلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite