10 بۇ تۆت مەخلۇقنىڭ يۈزلىرى تۆۋەندىكىدەك ئىدى: ئالدىدىن قارىسا ئادەمگە، ئوڭ تەرىپىدىن قارىسا شىرغا، سول تەرىپىدىن قارىسا بۇقىغا، ئارقىسىدىن قارىسا بۈركۈتكە ئوخشايتتى.
ھەربىر كېرۇبنىڭ تۆتتىن يۈزى بار ئىدى. بىرىنچىسى ئۆزىنىڭ ئەسلى يۈزى ئىدى، ئىككىنچىسى ئادەمنىڭ يۈزىگە، ئۈچىنچىسى شىرنىڭ يۈزىگە، تۆتىنچىسى بۈركۈتنىڭ يۈزىگە ئوخشايتتى.
بىرىنچى مەخلۇق شىرغا، ئىككىنچى مەخلۇق بۇقىغا ئوخشايتتى. ئۈچىنچى مەخلۇقنىڭ يۈزى ئادەمنىڭ چىرايىغا ئوخشايتتى. تۆتىنچى مەخلۇق ئۇچۇۋاتقان بۈركۈتكە ئوخشايتتى.
بۇنىڭ بىلەن، يېتەكچىلەردىن بىرى ماڭا: - يىغلىما! قارا، يەھۇدا قەبىلىسىدىن كەلگەن شىر - داۋۇتنىڭ نوتىسى غەلىبە قىلدى. ئورام يازمىنى ۋە ئۇنىڭ يەتتە پېچىتىنى ئېچىشقا ئۇ قادىر، - دېدى.
مانا شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىمۇ ھەربىر گۇناھكارنىڭ توۋا قىلغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ.
بىرىنچىسى شىرغا ئوخشايتتى، ئەمما بۈركۈتنىڭكىدەك قانىتى بار ئىدى. مەن كۆزىتىپ تۇرغىنىمدا، ئۇنىڭ قاناتلىرى يولۇۋېتىلدى. ئۇنى يۆلىگەنىدى، ئۇ خۇددى ئادەمدەك ئىككى پۇتى بىلەن ئۆرە تۇردى. ئۇنىڭغا ئىنساندەك ئويلايدىغان ئىقتىدار بېرىلگەنىدى.
ئەي، مەندىن يۈز ئۆرۈگەن خەلقىم، بۇ ئىشلارنى ئويلاڭلار، بۇلارنى ھەر ۋاقىت ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار.
ئەمما پەرۋەردىگارغا تەلپۈنۈپ، ئۈمىد كۈتكەن كىشىلەرنىڭلا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار بۈركۈتكە ئوخشاش قانات قاقىدۇ. توختىماي يۈگۈرسىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ، قانچىلىك يول ماڭسىمۇ چارچىمايدۇ.
ئۆكۈزۈڭ بولمىغاندا ئوقۇر قۇرۇق تۇرار، لېكىن ئۆكۈزنىڭ كۈچى بىلەن مول ھوسۇل بولار.
بۈركۈتلەر تېز كۆتۈرۈلۈپ، ئېگىز جايلارغا ئۇۋا سالىدۇ. ئەجەبا بۇمۇ سېنىڭ بۇيرۇقۇڭمۇ؟
گاد قەبىلىسىدىكى ئۇرۇشقا ماھىر باتۇر جەڭچىلەر داۋۇت تەرەپكە ئۆتمەكچى بولۇپ، ئۇ تۇرۇۋاتقان قاقاسلىقتىكى غارغا باردى. ئۇلار قالقان ۋە نەيزە ئىشلىتىشكە ماھىر ئىدى. ئۇلار شىر قىياپەتلىك بولۇپ، تاغدىكى جەرەندەك تېز يۈگۈرەتتى.
يەتتىنچى كۈنى كۈنپېتىشتىن بۇرۇن شەھەردىكىلەر شىمشونغا: _ ھەسەلدىن تاتلىق، شىردىن كۈچلۈك نېمە بار؟ _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. شىمشون ئۇلارغا: _ ئەگەر سىلەر مېنىڭ ئىنىكىم بىلەن يەر ئاغدۇرمىغان بولساڭلار، تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپالمىغان بولاتتىڭلار، _ دېدى.
پەرۋەردىگار بىر ئەلنى ناھايىتى يىراقتىن ئاتلاندۇرىدۇ. ئۇلار خۇددى بۈركۈتتەك شۇڭغۇپ كېلىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. سىلەر ئۇلارنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيسىلەر.
دان قوشۇنلىرى تۇغىنى شىمال تەرەپكە قاداپ، چېدىرلىرىنى قوشۇن تەرتىپى بويىچە تىكسۇن. دان قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەردۇر.
ئەفرايىم قوشۇنلىرى تۇغىنى كۈنپېتىش تەرەپكە قاداپ، چېدىرلىرىنى قوشۇن تەرتىپى بويىچە تىكسۇن. ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشامادۇر.
رۇبېن قوشۇنلىرى تۇغىنى جەنۇب تەرەپكە قاداپ، چېدىرلىرىنى قوشۇن تەرتىپى بويىچە تىكسۇن. رۇبېن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇردۇر.
يەھۇدا قوشۇنلىرى تۇغىنى كۈنچىقىش تەرەپكە قاداپ، چېدىرلىرىنى قوشۇن تەرتىپى بويىچە شۇ يەرگە تىكسۇن. يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشوندۇر.
قېرىنداشلار، يامانلىق قىلىشنى بىلمەيدىغان سەبىي بالىلاردەك بولۇڭلار، لېكىن بۇ ئىشلارغا كەلگەندە ئوي-پىكرىڭلار كىچىك بالىلاردەك ئەمەس، بەلكى چوڭلاردەك بولسۇن.
ھەربىر مەخلۇقنىڭ ئوخشىمىغان تۆت يۈزى ۋە تۆتتىن قانىتى بار ئىدى.
بىر يۈزى ئادەمنىڭكىگە، يەنە بىر يۈزى شىرنىڭكىگە ئوخشايتتى. ئۇلار ئىككى تەرىپىدىكى خورما دەرەخلىرىگە قارىشىپ تۇراتتى. ئىبادەتخانىدىكى تاملارنىڭ ھەممىسى