9 بۇ كۈل چاڭ-توزان بولۇپ، مىسىرنىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بارلىق ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدەنلىرىنى يىرىڭلىق چاقا قاپلاپ كېتىدۇ، _ دېدى.
بىرىنچى پەرىشتە بېرىپ چىنىدىكىنى قۇرۇقلۇققا تۆكتى. بۇنىڭ بىلەن، تېنىدە دىۋىنىڭ بەلگىسى بولغان ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنىڭ بەدىنىنى يىرگىنچلىك يىرىڭلىق يارىلار قاپلاپ كەتتى.
پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ تېنىنى يىرىڭلىق چاقىلارغا گىرىپتار قىلغاندەك، سىلەرنىمۇ يىرىڭلىق چاقىلارغا گىرىپتار قىلىدۇ. ئۆسمە ۋە قوتۇرغا مۇپتىلا بولىسىلەر، بۇ كېسەللەرگە داۋا تاپالمايسىلەر.
شەيتان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يېنىپ چىقىپ، ئايۇپقا زەربە بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى ئازابلىق جاراھەت قاپلاپ كەتتى.
پەرۋەردىگار ئىككى پۇتۇڭلارنى ساقايماس يىرىڭلىق چاقىلارغا گىرىپتار قىلىدۇ. بېشىڭلاردىن پۇتۇڭلارغىچە پۈتۈن تېنىڭلارنى يىرىڭلىق چاقا بىلەن تولدۇرىدۇ.
كېيىن، پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا: _ ئوچاقتىن بىرقانچە چاڭگال كۈل ئېلىۋېلىڭلار. مۇسا ئۇنى پىرئەۋننىڭ ئالدىدا ھاۋاغا چاچسۇن.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قوللىرىغا ئوچاقتىن كۈل ئېلىپ، پىرئەۋننىڭ ئالدىغا باردى. مۇسا كۈلنى ھاۋاغا چاچتى. نەتىجىدە، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدەنلىرىنى يىرىڭلىق چاقا قاپلاپ كەتتى.