35 پەرۋەردىگار بۇرۇن مۇساغا ئېيتقاندەك، پىرئەۋن جاھىللىق قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ كېتىشىگە يەنىلا يول قويمىدى.
پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ئېسىگە سېلىپ يەنە مۇنداق دېدى: _ مىسىرغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، پىرئەۋننىڭ ئالدىدا مەن سېنى كۆرسىتىشكە قادىر قىلغان ھەر خىل مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكىن. لېكىن مەن ئۇنى جاھىللاشتۇرىمەن، ئۇ خەلقىڭنى قويۇپ بەرمەيدۇ.
گەرچە پىرئەۋن بۇ ئەھۋاللارنى كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە گۇناھ سادىر قىلدى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى يەنىلا جاھىللىق قىلىشتى.
ماڭا مەلۇمكى، مىسىر پادىشاھىنى قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن مەجبۇر قىلمىغۇچە، ئۇ سىلەرگە ئىجازەت بەرمەيدۇ.
ئەمما پىرئەۋن دەل پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدى.