Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 9:33 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

33 مۇسا پىرئەۋننىڭ يېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، شەھەردىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدى. گۈلدۈرمامىلار ۋە مۆلدۈر شۇ ھامان توختىدى، يامغۇرمۇ تىنچىدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 9:33
8 Referans Kwoze  

مۇسا ئۇنىڭغا: _ مەن بۇ شەھەردىن چىقىشىم بىلەنلا، قولۇمنى كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىمەن، گۈلدۈرماما ۋە مۆلدۈرلەر شۇ ھامان توختايدۇ. شۇ چاغدا سىز دۇنيانىڭ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلىسىز.


شۇنىڭدىن كېيىن، مۇسا بىلەن ھارۇن پىرئەۋننىڭ يېنىدىن چىقىشتى. مۇسا پەرۋەردىگاردىن مىسىردىكى پاقىلارنى يوقىتىشنى تىلەپ، دۇئا قىلىپ يالۋۇردى.


پەقەت بۇغدايلارلا زىيانغا ئۇچرىمىغانىدى، چۈنكى ئۇلار تېخى باش تۇتمىغانىدى.


گەرچە پىرئەۋن بۇ ئەھۋاللارنى كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە گۇناھ سادىر قىلدى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى يەنىلا جاھىللىق قىلىشتى.


پادىشاھ سۇلايمان پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، قوللىرىنى كۆككە كۆتۈرۈپ


پىرئەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، مۇساغا: _ پەرۋەردىگاردىن پاقىلارنى مەندىن ۋە مىسىر خەلقىدىن يىراقلاشتۇرۇشنى تىلەپ دۇئا قىل. شۇندىلا خەلقىڭنىڭ پەرۋەردىگارىغا قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قويىمەن، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite