Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 9:32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

32 پەقەت بۇغدايلارلا زىيانغا ئۇچرىمىغانىدى، چۈنكى ئۇلار تېخى باش تۇتمىغانىدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 9:32
8 Referans Kwoze  

مۇسا قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈۋىدى، پۈتۈن مىسىرنى ئۈچ كۈن زۇلمەت قاپلىدى.


بۇ زىغىر چېچەكلىگەن ۋە ئارپا تېخى پىشمىغان ۋاقىت ئىدى، شۇڭا مۆلدۈر ئۇلارنى خاراب قىلىۋەتكەنىدى.


مۇسا پىرئەۋننىڭ يېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، شەھەردىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدى. گۈلدۈرمامىلار ۋە مۆلدۈر شۇ ھامان توختىدى، يامغۇرمۇ تىنچىدى.


داۋۇت بۇ ئوغۇللارنىڭ ھەممىسىنى گىبئونلۇقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. گىبئونلۇقلار بۇ يەتتە ئوغۇلنى تاغدا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قەتل قىلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا ئۆلدى. بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندە ئارپا ئورمىسى ئەمدى باشلانغانىدى.


ياق! ئۇ يەرنى تەكشى تۈزلەپ، ئاندىن سېرىقچېچەك ئۇرۇقى ۋە زېرە ئۇرۇقى چاچىدۇ. ئۇ يەرنى يۇمشىتىپ، بۇغداي تېرىيدۇ، قىر ئېلىپ ئارپا تېرىيدۇ، يەنە ئېتىز ئەتراپلىرىغا باشقا زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ.


نان قىلىش ئۈچۈن ئارپا، پۇرچاق، ماش، تېرىق ۋە ھەر خىل بۇغدايلارنى كومزەككە قاچىلىۋال، بۇلارنى 390 كۈن يېنىڭچە ياتقان ۋاقتىڭدا ئوزۇق قىلىسەن.


چېكەتكىلەر زېمىنىڭنى قاپلايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپلۈكىدىن يەر يۈزىنىمۇ كۆرەلمەي قالىسەن. چېكەتكىلەر مۆلدۈردىن ئامان قالغان زىرائەتلەرنى، ھەتتا دالادىكى دەل-دەرەخلەرنىمۇ يەپ تۈگىتىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار مۇساغا: _ چېكەتكە پەيدا قىلىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ ھەممە تەرىپىگە قولۇڭنى ئۇزات! چېكەتكىلەر مىسىر تەۋەسىدە مۆلدۈردىن ئامان قالغان ھەممە ئۆسۈملۈكلەرنى يەپ تۈگەتسۇن، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite