31 بۇ زىغىر چېچەكلىگەن ۋە ئارپا تېخى پىشمىغان ۋاقىت ئىدى، شۇڭا مۆلدۈر ئۇلارنى خاراب قىلىۋەتكەنىدى.
شۇنداق قىلىپ رۇت ئارپا، بۇغدايلار ئورۇلۇپ بولغانغا قەدەر، بوئازنىڭ ئايال خىزمەتكارلىرى بىلەن بىرگە باشاق تەردى. ئۇ قېيىنئانىسى بىلەن بىللە تۇرىۋەردى.
شۇنداق قىلىپ، نائومى ۋە ئۇنىڭ موئابلىق كېلىنى رۇت موئابتىن قايتىپ كەلدى. ئۇلار بەيتلەھەمگە يېتىپ كەلگەندە، ئارپا ئورمىسى ئەمدى باشلانغانىدى.
مەيلى مېۋە بەرمىسۇن ئەنجۈر دەرىخى، ياكى يوق بولسۇن تاللاردا ئۈزۈم، مەيلى مېۋە بەرمىسۇن زەيتۇن دەرىخى، ياكى بەرمىسۇن ئېتىزلار ھوسۇل، مەيلى يوقىلىپ كەتسۇن قوتاندىكى قويلار، ياكى يوقىلىپ كەتسۇن ئېغىلدىكى كالىلار،
مەن باغلىرىڭلار ۋە ئۈزۈمزارلىقىڭلارنى قۇرۇتتۇم ۋە سېسىتتىم. چېكەتكىلەر ئەنجۈر ۋە زەيتۇن دەرەخلىرىڭلارنى يەپ تۈگەتتى. شۇنداقتىمۇ سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
پەقەت بۇغدايلارلا زىيانغا ئۇچرىمىغانىدى، چۈنكى ئۇلار تېخى باش تۇتمىغانىدى.
داۋۇت بۇ ئوغۇللارنىڭ ھەممىسىنى گىبئونلۇقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. گىبئونلۇقلار بۇ يەتتە ئوغۇلنى تاغدا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قەتل قىلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا ئۆلدى. بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندە ئارپا ئورمىسى ئەمدى باشلانغانىدى.