Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 9:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

29 مۇسا ئۇنىڭغا: _ مەن بۇ شەھەردىن چىقىشىم بىلەنلا، قولۇمنى كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىمەن، گۈلدۈرماما ۋە مۆلدۈرلەر شۇ ھامان توختايدۇ. شۇ چاغدا سىز دۇنيانىڭ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلىسىز.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 9:29
19 Referans Kwoze  

چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسە رەببىمىزگە تەئەللۇقتۇر.»


سىلەر دۇئاغا قوللىرىڭلارنى كۆتۈرگىنىڭلاردا، كۆزلىرىمنى قاچۇرىمەن. قانچە كۆپ دۇئا-تىلاۋەت قىلساڭلارمۇ ئاڭلىمايمەن، چۈنكى قوللىرىڭلار قانغا بويالغان.


قوللىرىم ساڭا قاراپ سوزۇلغاندۇر، ۋۇجۇدۇم چاڭقىغان زېمىندەك ساڭا تەشنادۇر.


ئۇلار بۇ ئازابلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ، قوللىرىنى كۆتۈرۈپ، ئىلتىجا قىلسا،


پادىشاھ سۇلايمان پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، قوللىرىنى كۆككە كۆتۈرۈپ


قاراڭلار، ئاسمان-زېمىن، ھەتتا ئەرشئەلادىكى بارلىق مەۋجۇدات پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا مەنسۇپتۇر.


لېكىن، باشقا بىرى سىلەرگە: «بۇ نەزىر قىلىنغان گۆش» دېسە، ئۇ كىشىنىڭ ئېتىقادىنى ئويلاپ ئۇ گۆشنى يېمەڭلار. چۈنكى، بۇ گۆشنى يېيىش ئۇنىڭ نەزىرىدە گۇناھ بولىدۇ.


ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان، چوڭقۇرلۇقلاردا، نېمە قىلىشنى خالىسا شۇنى قىلار خۇدا.


سورىماسمەن سەندىن قورسىقىم ئاچسا ناۋادا، چۈنكى بۇ دۇنيا، ئۇنىڭدىكى مەئىشەتلەر تەۋەدۇر ماڭا.


قەلبىڭنى خۇداغا بېغىشلاپ، ئۇنىڭغا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىل.


كەچلىك قۇربانلىق سۇنىدىغان چاغدا، مەن قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە تون ۋە چاپىنىم يىرتىق ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئاندىن تىزلىنىپ تۇرۇپ، قوللىرىمنى پەرۋەردىگارىم خۇداغا كۆتۈردۈم ۋە


ئەگەر سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلىپ، سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمگە ئەمەل قىلساڭلار، نۇرغۇنلىغان خەلقلەر ئارىسىدىن سىلەرنى ئۆزۈمگە مەنسۇپ قىممەتلىك خەلق قىلىمەن. چۈنكى پۈتۈن دۇنيا ماڭا تەۋەدۇر.


مۇسا پىرئەۋننىڭ يېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، شەھەردىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدى. گۈلدۈرمامىلار ۋە مۆلدۈر شۇ ھامان توختىدى، يامغۇرمۇ تىنچىدى.


لېكىن مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىللار ياشاۋاتقان گوشەن ۋىلايىتىنىڭ ئەھۋالىنى باشقىچە قىلىمەن. ئۇ يەر چىۋىنلار توپىدىن خالىي بولىدۇ. شۇندىلا سەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ يەردىمۇ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىسەن.


مەن پەرۋەردىگارىڭلار ئاسمان، زېمىن، دېڭىز ۋە ئۇلاردىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى ئالتە كۈندە ياراتتىم. لېكىن يەتتىنچى كۈنى دەم ئالدىم. شۇڭا مەن پەرۋەردىگار دەم ئېلىش كۈنىگە بەخت ئاتا قىلىپ، بۇ كۈننى مۇقەددەس كۈن دەپ بەلگىلىدىم.


شۇنىڭ بىلەن ھارۇن قولىنى مىسىرنىڭ سۇلىرىغا قارىتىپ ئۇزىتىۋىدى، مىسىر زېمىنىنى پاقىلار قاپلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite