22 پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن قولۇڭنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈر! پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدىكى ئىنسانلار، ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۈستىگە مۆلدۈر ياغىدۇ، _ دېدى.
ئاسماندىن ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە ھەربىر دانىسى قىرىق بەش كىلو چامىسىدا كېلىدىغان مۆلدۈر ياغدى. بۇ مۆلدۈر ئاپىتى شۇنداق قورقۇنچلۇق بولدىكى، ئىنسانلار بۇ بالايىئاپەتنىڭ دەستىدىن خۇدانى قارغاشتى.
پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن ھارۇنغا: «تايىقىڭنى يەرگە ئۇر. چاڭ-توزانلار پاشىلارغا ئايلىنىپ، پۈتۈن مىسىرنى قاپلايدۇ» دېگىن، _ دېدى.
پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: _ سەن ھارۇنغا: «تاياق تۇتقان قولۇڭنى مىسىردىكى دەريا، ئۆستەڭ، سازلىق ۋە كۆللەرگە قارىتىپ ئۇزات. مىسىر زېمىنىنى پاقىلار بىلەن تولدۇرۇۋەت» دەپ ئېيتقىن، _ دېدى.
پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: _ سەن ھارۇنغا: «تايىقىڭنى ئال، قولۇڭنى مىسىردىكى ھەرقايسى دەريا، ئۆستەڭ، سازلىق ۋە كۆللەرگە قارىتىپ ئۇزات. بۇ چاغدا، مىسىرنىڭ ھەممە يېرىدىكى سۇلار، ھەتتا ئىدىش ۋە تاش كۈپلەردىكى سۇلارمۇ قانغا ئايلىنىدۇ» دېگىن، _ دېدى.
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەنلەر بولسا قۇل ۋە چارۋا ماللىرىنى تاشقىرىدا قويۇۋەردى.
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن قولۇڭنى ئاسمانغا كۆتۈر! پۈتۈن مىسىرنى زۇلمەت قاپلايدۇ، _ دېدى.
ئامورلارنىڭ قالغان قوشۇنى بەيت-خورون شەھىرىگە يېقىن بولغان داۋان تەرەپكە قېچىپ بېرىپ، ئازېقا شەھىرىگە بارغۇچە، پەرۋەردىگار يول بويى ئاسماندىن شىددەتلىك مۆلدۈر ياغدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسمىنى يوقاتتى. شىددەتلىك مۆلدۈردە ئۆلگەنلەر ئىسرائىللارنىڭ قىلىچىدا ئۆلگەنلەردىنمۇ كۆپ بولدى.