21 پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەنلەر بولسا قۇل ۋە چارۋا ماللىرىنى تاشقىرىدا قويۇۋەردى.
ئۇ يەنە: _ ئەي دانىيال، قورقما! سەن غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۆزۈڭنى تۆۋەن تۇتۇپ، خۇدادىن ئىلتىجا قىلغىنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ئىلتىجايىڭنى ئاڭلىدى. مەن سېنىڭ ئىلتىجايىڭغا بىنائەن بۇ يەرگە كەلدىم.
ئۇ ئادەم ماڭا: _ ئەي ئادەم بالىسى، مەن ساڭا كۆرسەتمەكچى بولغان ھەممە نەرسىگە سىنچىلاپ قارا، دىققىتىڭنى بەر، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا. شۇ سەۋەبتىن، سەن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىندىڭ. كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىڭنى ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈز، _ دېدى.
ئۇلارنى كۆرۈشۈم بىلەن ئويغا پاتتىم، كۆرگىنىمدىن مۇنداق ساۋاق ئالدىم:
ئەگەر خۇدا ئۆزىنىڭ روھىنى ۋە نەپىسىنى قايتۇرۇۋېلىشنى قارار قىلسا،
ئىنسان دېگەن قانچىلىك نەرسە ئىدى، سەن ئۇنى شۇنچە مۇھىم بىلگۈدەك، ئۇنىڭغا شۇنچە دىققەت قىلغۇدەك،
ھازىردىن باشلاپ سىلەر پۈتۈن جان-دىلىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ نام-شەرىپىگە ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانىنى سېلىشنى باشلاڭلار. شۇنداق قىلغاندىلا ئەھدە ساندۇقى ۋە خۇداغا تەۋە مۇقەددەس نەرسىلەرنى ئۇنىڭ ئىچىگە قويالايسىلەر.
ئۇ جان ئۈزەي دەپ قالغاندا، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرغان ئاياللار ئۇنىڭغا: _ قورقمىغىن، ئوغۇل تۇغدۇڭ، _ دېيىشتى. لېكىن ئۇ بۇنىڭغا ئېتىبار بەرمىدى، جاۋابمۇ قايتۇرمىدى.
ۋە بۇرۇلۇپلا ئوردىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ بۇ ئىشقا قىلچە ئەھمىيەت بەرمىدى.
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىشەنگەن بىر قىسىم پىرئەۋننىڭ ئەمەلدارلىرى قۇل ۋە چارۋا ماللىرىنى دەرھال دالدىغا ئېلىپ كىرىۋالدى.
پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن قولۇڭنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈر! پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدىكى ئىنسانلار، ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۈستىگە مۆلدۈر ياغىدۇ، _ دېدى.
زېرەك خەۋپ-خەتەرنى كۆرۈپ قاچار، نادان قارىغۇلارچە ئالغا بېسىپ ئازاب تارتار.