18 شۇڭا ئەتە مۇشۇ چاغدا قاتتىق مۆلدۈر ياغدۇرىمەن، مىسىر تارىخىدا ھېچقاچان بۇنداق مۆلدۈر يىغىپ باقمىغاندۇر.
قوغلىۋەتكىن ئۇلارنى بورىنىڭ بىلەن، ۋەھىمە سال ئۇلارغا قۇيۇنۇڭ بىلەن.
ئېلىشا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيە شەھىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا 2 كىلو سۈپەتلىك ئۇن پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە، 4 كىلو ئارپىمۇ پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە سېتىلىدۇ».
بۇنىڭدىن سىرت مەن يەنە ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا ئەمەلدارلىرىمنى قېشىڭغا ئەۋەتىمەن. ئۇلار ئورداڭ بىلەن ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرىدۇ. ئۇلار سېنىڭ نەزىرىڭدە نېمە ئەزىز بولسا، شۇنى ئېلىپ كېتىدۇ، _ دېدى.
ئىزەبەل ئىلياسقا بىر ئەلچى ئەۋەتىپ: «ئەتە مۇشۇ چاغدا سېنىڭ جېنىڭنى سەن پەيغەمبەرلەرنىڭ جېنىنى ئالغاندەك ئالمايدىغان بولسام، ئىلاھلار مېنى قاتتىق جازالىسۇن!» دېدى.
ئىشلار خۇددى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشا پادىشاھقا ئېيتقىنىدەك بولدى. ئېلىشا: «ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيە شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدا 4 كىلو ئارپا پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە، 2 كىلو سۈپەتلىك ئۇنمۇ پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە سېتىلىدۇ» دېگىنىدە،
ئاسماندىن ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە ھەربىر دانىسى قىرىق بەش كىلو چامىسىدا كېلىدىغان مۆلدۈر ياغدى. بۇ مۆلدۈر ئاپىتى شۇنداق قورقۇنچلۇق بولدىكى، ئىنسانلار بۇ بالايىئاپەتنىڭ دەستىدىن خۇدانى قارغاشتى.
لېكىن سەن يەنىلا زوراۋانلىق قىلىپ، خەلقىمنى قويۇپ بەرمەيۋاتىسەن.
زېمىننى جازالايدۇ ياكى ئۇنىڭغا شەپقەت ياغدۇرىدۇ.
لېكىن سەن قار ئامبارلىرىغا كىرىپ باققانمىدىڭ، ياكى مۆلدۈر ئامبارلىرىنى كۆرگەنمىدىڭ؟
ئۇلار ئورداڭغا، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە خەلقىڭنىڭ ئۆيلىرىگىمۇ كىرىدۇ. بۇنداق قورقۇنچلۇق ئاپەتنى ئاتا-بوۋىلىرىڭمۇ كۆرۈپ باقمىغان» دەيدۇ، _ دېدى ۋە دەرھال كەينىگە بۇرۇلۇپ، پىرئەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى.
چېكەتكىلەر توپ-توپى بىلەن مىسىر زېمىنىغا قوندى، ئۇلار مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىدى. بۇنچە كۆپ چېكەتكە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى، بۇندىن كېيىنمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
شۇ چاغدا پۈتۈن مىسىردا ئەلمىساقتىن بولمىغان ۋە بۇندىن كېيىنمۇ بولمايدىغان قاتتىق يىغا-زار بولىدۇ.
مەن ئۇلارنى كېلىدىغان ئاپەتلەر، بولىدىغان جەڭ-ئۇرۇشلار ئۈچۈن ساقلاپ قويغانىدىم.