30 شۇنىڭدىن كېيىن، مۇسا پىرئەۋننىڭ يېنىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، مۇسا بىلەن ھارۇن پىرئەۋننىڭ يېنىدىن چىقىشتى. مۇسا پەرۋەردىگاردىن مىسىردىكى پاقىلارنى يوقىتىشنى تىلەپ، دۇئا قىلىپ يالۋۇردى.
شۇڭا، شىپالىق تېپىش ئۈچۈن، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى ئۆزئارا ئىقرار قىلىڭلار ۋە بىر-بىرىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە ئۈنۈمگە ئىگىدۇر.
مۇسا پىرئەۋننىڭ يېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، شەھەردىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدى. گۈلدۈرمامىلار ۋە مۆلدۈر شۇ ھامان توختىدى، يامغۇرمۇ تىنچىدى.
پەرۋەردىگار مۇسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، چىۋىنلار توپىنى پىرئەۋن، ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالاردىن ئايرىدى. مىسىردا بىر تال چىۋىنمۇ قالمىدى.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پىرئەۋننىڭ يېنىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى.