Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 8:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 نىل دەرياسى پاقىغا تولۇپ كېتىدۇ. پاقىلار دەريادىن چىقىپ ئورداڭغا، ھۇجراڭغا، ھەتتا تۆشەكلىرىڭگە كىرىدۇ. ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ۋە خەلقىڭنىڭ ئۆيلىرىگە، ھەتتا ئوچاقلىرىغا، تەڭنىلىرىنىڭ ئىچىگىمۇ كىرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 8:3
8 Referans Kwoze  

پاقا ئاپىتى قاپلىدى يەرلىرىنى، قاپلىدى ھەتتا پاقىلار پادىشاھ سارىيىنى.


شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار خېمىرلىرىنى تەڭنىلىرىگە سېلىپ، كىيىم-كېچەكلىرى بىلەن يۆگەپ، مۈرىسىگە قويۇپ ئېلىپ مېڭىشتى.


ئەگەر يەنە رەت قىلساڭ، ساڭا ئېيتىپ قويايكى، پۈتۈن زېمىنىڭغا پاقا ئاپىتى بىلەن زەربە بېرىمەن.


سېنىڭ ئۇچاڭغا، ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ۋە خەلقىڭنىڭ ئۇچىسىغىمۇ يامىشىدۇ› دەيدۇ» دېگىن.


ئۇلار ئورداڭغا، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە خەلقىڭنىڭ ئۆيلىرىگىمۇ كىرىدۇ. بۇنداق قورقۇنچلۇق ئاپەتنى ئاتا-بوۋىلىرىڭمۇ كۆرۈپ باقمىغان» دەيدۇ، _ دېدى ۋە دەرھال كەينىگە بۇرۇلۇپ، پىرئەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى.


لېكىن يىھوشەبا ئاخازيانىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ئوغۇللىرى ئارىسىدىن يوئاش ئىسىملىك ئوغلىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ئىنىكئانىسى بىلەن بىرگە كىچىك بىر ھۇجرىغا يوشۇرۇپ قويدى. يىھوشەبا پادىشاھ يىھورامنىڭ قىزى، ئاخازيانىڭ سىڭلىسى ۋە باش روھانىي يىھويادانىڭ ئايالى ئىدى. يىھوشەبا بالىنى يوشۇرۇپ قالغاچقا، ئاتاليا ئۇنى ئۆلتۈرەلمىدى.


پىرئەۋن دەرھال ئۆزىنىڭ دانىشمەنلىرى ۋە سېھىرگەرلىرىنى يىغدى. ئۇلار سېھىر ئىشلىتىپ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشنى قىلدى.


پاقىلار سىزدىن، ئوردىڭىزدىن، ئەمەلدارلىرىڭىز ۋە خەلقىڭىزدىن ئايرىلىدۇ. پەقەت نىل دەرياسىدىلا پاقا قالىدۇ، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite