مىسىردىن چىقىش 8:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى26 لېكىن مۇسا: _ بۇنداق قىلساق توغرا بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگارىمىز ئۈچۈن قىلىدىغان قۇربانلىقلىرىمىز مىسىرلىقلارنى يىرگەندۈرىدۇ. ئەگەر بىز مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنى يىرگەندۈرىدىغان قۇربانلىقلارنى قىلساق، ئۇلار بىزنى چالما-كېسەك قىلىدۇ! Gade chapit la |
پادىشاھ يوشىيا يەنە يېرۇسالېمنىڭ شەرقىگە جايلاشقان «بۇزۇقچىلىق تېغى»نىڭ جەنۇبىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايمان سىدونلۇقلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھەسى ئاشتورەت، موئابلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى كىموش ۋە ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى مولەككە ئاتاپ سالدۇرغان سەجدىگاھلارنى ۋەيران قىلدى.
_ ئاقساقاللار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئاڭلايدۇ. ئاندىن كېيىن سىلەر بىرلىكتە مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ھەممىڭلار: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بىزگە ئايان بولدى. ئەمدى بىزنىڭ ئۈچ كۈنلۈك يولنى بېسىپ، چۆل-باياۋانغا بېرىپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا قۇربانلىق قىلىشىمىزغا ئىجازەت بەرگەيسىز» دەڭلار.