25 پىرئەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا: _ بارساڭلار بېرىڭلار! بىراق خۇدايىڭلارغا قىلىدىغان قۇربانلىقنى مىسىر چېگراسى ئىچىدە قىلىڭلار! _ دېدى.
پىرئەۋن دەرھال مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ: _ بۇ قېتىم مەن خاتا قىلدىم، خەلقىمدىن سەۋەنلىك ئۆتتى. پەرۋەردىگار ئادىلدۇر.
پىرئەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، مۇساغا: _ پەرۋەردىگاردىن پاقىلارنى مەندىن ۋە مىسىر خەلقىدىن يىراقلاشتۇرۇشنى تىلەپ دۇئا قىل. شۇندىلا خەلقىڭنىڭ پەرۋەردىگارىغا قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قويىمەن، _ دېدى.
ئۇ كېچە پىرئەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا: _ دەرھال كېتىڭلار! ھەممە ئىسرائىللارنى باشلاپ، يۇرتۇمدىن تېز چىقىپ كېتىڭلار. ئۆزۈڭلار تەلەپ قىلغىنىڭلاردەك بېرىپ، پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار.
شۇڭا پىرئەۋن دەرھال مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ: _ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدا ئالدىدا ھەم سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا گۇناھكارمەن.
قارا، شەيتان گۇرۇھىدىكىلەرگە، ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەپ ئاتىۋالغان، ئەمەلىيەتتە يەھۇدىي ئەمەس ئالدامچىلارنى شۇنداق ئاقىۋەتكە قالدۇرىمەنكى، ئۇلار كېلىپ سېنىڭ ئايىغىڭغا يىقىلىدۇ ۋە مېنىڭ سېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى كۆرىدۇ.
مەن ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىڭلار. بىزگە بۇ ھەيۋەتلىك گۈلدۈرماما ۋە مۆلدۈرلەر يېتەر. مەن سىلەرنىڭ كېتىشىڭلارغا يول قوياي. سىلەر ئەمدى بۇ يەردە تۇرمىساڭلارمۇ بولىدۇ، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن پىرئەۋن مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا: _ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بارساڭلار بېرىڭلار. لېكىن زادى كىملەر بارماقچى؟ _ دېدى.
پىرئەۋن مۇسانى چاقىرتىپ: _ سىلەر بېرىپ پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادىتىڭلارنى قىلىڭلار. ھەتتا خوتۇن، بالا-چاقىلىرىڭلارنىمۇ ئېلىپ بارساڭلار بولىدۇ. لېكىن كالا، قوي، ئۆچكىلىرىڭلار بۇ يەردە قالسۇن، _ دېدى.
مازاق قىلىشنى توختىتىڭلار، بولمىسا سىلەرنىڭ بوينۇڭلاردىكى زەنجىر تېخىمۇ چىڭىيدۇ. ئىگەم _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا: «بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىش بېكىتىلىپ بولدى!» دېدى.