19 سېھىرگەرلەر پىرئەۋنگە: _ بۇ ئىشنى خۇدا قىلدى! _ دېيىشتى. بىراق دەل پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، پىرئەۋن جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى.
ئەمەلىيەتتە، مەن خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تايىنىپ جىنلارنى ھەيدىۋەتتىم. بۇ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاراڭلاردا نامايان بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
قارىسام مەن بارماقلىرىڭ ئىجاد قىلغان ئاسمانغا _ كۆككە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان يۇلتۇزلارغا ۋە ئايغا،
ئەمەلىيەتتە، مەن خۇدانىڭ روھىغا تايىنىپ جىنلارنى ھەيدىۋەتتىم. بۇ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاراڭلاردا نامايان بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
مەن قۇدرىتىمنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى جازالاپ، ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ۋاقتىمدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.
- بۇلارنى قانداق قىلىمىز؟ ئۇلار كۆرسەتكەن ئاجايىپ مۆجىزىنى پۈتۈن يېرۇسالېم خەلقى بىلىدىكەن، بىز مۇنداق ئىش بولمىغان دېيىشكە ئامالسىز.
شۇڭا، پەرىسىيلەر ۋە ئالىي روھانىيلار يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىنى يىغىپ: - قانداق قىلغۇلۇق؟ بۇ ئادەمنىڭ ياراتقان نۇرغۇن مۆجىزىلىرىگە قاراپ بېقىڭلار.
شۇ كېچىسى بۇ سىر دانىيالغا غايىبانە ئالامەت ئارقىلىق ئايان بولدى. شۇنىڭ بىلەن دانىيال ئەرشتىكى خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ،
ئاندىن قاراپ تۇرۇڭلار، ئەگەر ھارۋا ئىسرائىللارنىڭ بەيت-شەمەش شەھىرىگە بارىدىغان يول بىلەن ماڭسا، بۇ بالايىئاپەتنى ئەۋەتكۈچى ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى ئىكەن، دەپ بىلىمىز. ئەگەر ھارۋا ئۇ يول بىلەن ماڭمىسا، دېمەك، بىزنى جازالىغۇچى ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى ئەمەس، بەلكى بۇ بىر تاسادىپىيلىق ئىكەن، دەپ بىلىمىز.
ئۇلار مۇنداق جاۋاب بېرىشتى: _ ئەگەر ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولساڭلار، ئەھدە ساندۇقىنى قۇرۇق قايتۇرماي، گۇناھىڭلارنى يۇيۇش ئۈچۈن بىر نەرسە قوشۇپ بېرىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، شىپالىق تاپىسىلەر ۋە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن سىلەرنى توختىماي جازالىغانلىقىنى بىلىپ قالىسىلەر.
ئەمەلدارلار پىرئەۋنگە: _ ئالىيلىرى، بۇ ئادەمنىڭ بىزگە ۋەيرانچىلىق سېلىشىغا قاچانغىچە يول قويىدىلا؟ ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداسىغا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قويسىلا! مىسىرنىڭ خاراب بولغانلىقىدىن خەۋەرلىرى يوقمۇ؟ _ دېدى.
شۇنداقتىمۇ، ئۇ يەنىلا سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمايدۇ. مەن يەنە قۇدرىتىمنى كۆرسىتىپ، مىسىرلىقلارغا ئېغىر بالايىئاپەتلەرنى چۈشۈرىمەن ۋە ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى مىسىردىن توپ-توپى بىلەن ئېلىپ چىقىمەن.
ئەمما پىرئەۋن دەل پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدى.
بۇ پۇچەك باشاقلار ھېلىقى تولۇق يېتىلگەن باشاقلارنى يۇتۇۋەتتى. مەن بۇ چۈشۈمنى چۈشكە تەبىر بەرگۈچىلەرگە ئېيتىپ بەرگەنىدىم، لېكىن ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى.
بىراق ئىسرائىللارنىڭ چارۋا ماللىرىنى مىسىرلىقلارنىڭكىدىن پەرقلەندۈرىمەن. ئىسرائىللارنىڭ ماللىرىدىن بىرىمۇ ئۆلمەيدۇ› دەيدۇ» دېگىن.
پەقەت ئىسرائىللار ياشايدىغان گوشەن ۋىلايىتىدىلا مۆلدۈر ياغمىدى.
بۇ چاغدا مىسىرلىقلار بىر-بىرىنى كۆرەلمىدى، ئۆيدىن تالاغا چىقالمىدى. لېكىن ئىسرائىللار ياشايدىغان يەرلەر بولسا يورۇق تۇردى.
لېكىن ئىسرائىللارغا ياكى ئۇلارنىڭ ماللىرىغا ھەتتا ئىتمۇ قاۋاپ قويمايدۇ» دەيدۇ. ئەنە شۇ چاغدا سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلار بىلەن ئىسرائىللارنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.