Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 8:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 سېھىرگەرلەرمۇ ئۆز سېھىرلىرى بىلەن پاشا پەيدا قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىش ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمىدى. ئادەم ۋە ھايۋاناتلارنىڭ بەدىنىنى پاشا قاپلاپ كەتتى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 8:18
13 Referans Kwoze  

پىرئەۋن دەرھال ئۆزىنىڭ دانىشمەنلىرى ۋە سېھىرگەرلىرىنى يىغدى. ئۇلار سېھىر ئىشلىتىپ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشنى قىلدى.


ھەتتا سېھىرگەرلەرمۇ مۇساغا تاقابىل تۇرالمىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ بەدىنىنىمۇ باشقا مىسىرلىقلارنىڭكىگە ئوخشاش يىرىڭلىق چاقا قاپلاپ كەتكەنىدى.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ بارلىق دانىشمەنلىرى كەلدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەلمىدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - شۇنداق! شەيتاننىڭ ئاسماندىن چاقماقتەك تېز چۈشكەنلىكىنى كۆردۈم.


شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىمغا كېلىشتى. مەن ئۇلارغا چۈشۈمنى دەپ بەردىم. ئەمما ئۇلار چۈشۈمگە تەبىر بېرەلمىدى.


ئەي پىرئەۋن! ئەمدى سېنىڭ دانىشمەنلىرىڭ قېنى؟ ئۇلار ساڭا قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرغا قارشى نېمە قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسۇنچۇ.


تاڭ ئاتقاندا، پىرئەۋن چۈشىدىن بىئارام بولدى. ئۇ مىسىردىكى بارلىق چۈشكە تەبىر بېرىدىغانلارنى ۋە دانىشمەنلەرنى چاقىرتىپ، چۈشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى. لېكىن ئۇنىڭ چۈشلىرىگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى.


ئۇلارنىڭ ھەربىرى قولىدىكى تاياقنى يەرگە تاشلىۋىدى، ئۇلارمۇ يىلانغا ئايلاندى. لېكىن ھارۇننىڭ يىلىنى ئۇلارنىڭ يىلانلىرىنى يۇتۇۋەتتى.


بىراق مىسىردىكى سېھىرگەرلەرمۇ سېھىر ئىشلىتىپ، مىسىر زېمىنىدا پاقا پەيدا قىلدى.


بۇ چاغدا مىسىرلىقلار بىر-بىرىنى كۆرەلمىدى، ئۆيدىن تالاغا چىقالمىدى. لېكىن ئىسرائىللار ياشايدىغان يەرلەر بولسا يورۇق تۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite