16 پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن ھارۇنغا: «تايىقىڭنى يەرگە ئۇر. چاڭ-توزانلار پاشىلارغا ئايلىنىپ، پۈتۈن مىسىرنى قاپلايدۇ» دېگىن، _ دېدى.
پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: _ سەن ھارۇنغا: «تاياق تۇتقان قولۇڭنى مىسىردىكى دەريا، ئۆستەڭ، سازلىق ۋە كۆللەرگە قارىتىپ ئۇزات. مىسىر زېمىنىنى پاقىلار بىلەن تولدۇرۇۋەت» دەپ ئېيتقىن، _ دېدى.
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك قىلىشتى. ھارۇن تايىقىنى يەرگە ئۇرۇۋىدى، چاڭ-توزانلار پاشىلارغا ئايلىنىپ، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىنى قاپلاپ كەتتى. مىسىر زېمىنىدىكى چاڭ-توزانلارنىڭ ھەممىسى پاشىغا ئايلاندى.
بىراق پەرۋەردىگار ئالدىن ئېيتقاندەك، پاقىلارنىڭ تامامەن ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەن پىرئەۋن جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى.
سېھىرگەرلەرمۇ ئۆز سېھىرلىرى بىلەن پاشا پەيدا قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىش ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمىدى. ئادەم ۋە ھايۋاناتلارنىڭ بەدىنىنى پاشا قاپلاپ كەتتى.
خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن قاپلىدى غۇژ-غۇژ چىۋىنلار، ھەممە يەرنى باستى غىڭ-غىڭ پاشىلار.
ئوغلۇمنى ماڭا ئىبادەت قىلىشقا بېرىشتىن توسما. رەت قىلىدىغان بولساڭ، سېنىڭ تۇنجى ئوغلۇڭنى ئۆلتۈرىمەن› دەيدۇ» دېگىن.
شۇنىڭدىن كېيىن مۇسا بىلەن ھارۇن پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشۈپ: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: «خەلقىمنىڭ مەن ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزگىلى چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي» دەيدۇ، _ دېدى.