Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىسىردىن چىقىش 8:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 مىسىرلىقلار پاقا ئۆلۈكلىرىنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ توپلىغانىدى، پۈتۈن مىسىر سېسىقچىلىققا تولدى.

Gade chapit la Kopi




مىسىردىن چىقىش 8:14
11 Referans Kwoze  

شىمالدىن كەلگەن دۈشمەننى قوغلاپ چىقىرىمەن، ئۇلارنى قاقاس ۋە چۆل بىر يەرگە قوغلىۋېتىمەن. ئالدىن يۈرەر قوشۇننى ئۆلۈك دېڭىزغا، قالغان قوشۇنلارنى ئوتتۇرا دېڭىزغا غەرق قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئۆلۈكلىرىنىڭ سېسىق پۇرىقى جاھاننى بىر ئالىدۇ.» پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدى.


ئۇ كۈنى ئىسرائىلىيەدىكى دېڭىزنىڭ شەرقىي تەرىپىگە تۇتىشىدىغان ‹يولۇچى جىلغىسى›دا گوگنىڭ قەبرىسىنى ھازىرلايمەن. ئۇ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئۇ يەرگە كۆمۈلىدۇ. بۇ قەبرىستانلىق يولۇچىلارنىڭ يولىنى توسىدۇ. شۇڭا ئۇ يەر ‹گوگ قوشۇنىنىڭ جىلغىسى› دەپ ئاتىلىدۇ.


پەرۋەردىگار بارلىق خەلقلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىغا غەزەپلەندى، ئۇ ئۇلارنى قىرغىن قىلىپ، تەلتۆكۈس يوقىتىدۇ.


پەرۋەردىگار دېگىنىنى قىلدى. توپ-توپ چىۋىنلار پىرئەۋننىڭ ئوردىسىغا ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېسىپ كىرىپ، پۈتۈن مىسىر زېمىنىنى خاراب قىلىۋەتتى.


نىل دەرياسىدىكى بېلىقلار ئۆلدى. دەريا سۈيى سېسىق پۇراپ، مىسىرلىقلار بۇ سۇنى ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى قان قاپلىدى.


پەرۋەردىگار مۇسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. ئۆي، ھويلا ۋە ئېتىزلاردىكى پاقىلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگىدى.


بىراق پەرۋەردىگار ئالدىن ئېيتقاندەك، پاقىلارنىڭ تامامەن ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەن پىرئەۋن جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى.


ھەتتا سېھىرگەرلەرمۇ مۇساغا تاقابىل تۇرالمىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ بەدىنىنىمۇ باشقا مىسىرلىقلارنىڭكىگە ئوخشاش يىرىڭلىق چاقا قاپلاپ كەتكەنىدى.


ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن بۇقىنى ئەكېلىپ تەييار قىلدى. ئاندىن ئەتىگەندىن چۈشكىچە بائالنىڭ نامىغا ئىلتىجا قىلىپ: _ ئى بائال، بىزگە جاۋاب بەرگەيسەن! _ دېيىشتى. لېكىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى، ھېچكىممۇ جاۋاب بەرمىدى. ئۇلار ئۆزلىرى سالغان قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئەتراپىدا ئۇسسۇل ئويناشتى.


چۈشتىن كېيىنمۇ تاكى كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىغىچە داۋاملىق ئالا-تاغىل توۋلاشتى. لېكىن يەنىلا سادا چىقمىدى، جاۋابمۇ كەلمىدى، ھېچبىر ئالامەتمۇ كۆرۈلمىدى.


زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ھەقىقەتەن ئەخمەق، پىرئەۋننىڭ دانىشمەنلىرى ئەخمىقانە مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ: «مەن بىر دانىشمەننىڭ ئوغلى، قەدىمكى پادىشاھلارنىڭ ئەۋلادى.» ئۇلار نەقەدەر قاپ يۈرەكلىك بىلەن پىرئەۋنگە شۇنداق دېگەن-ھە!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite